ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئامما تالادا قالدۇق يەر تەۋرەشتىن پاناھلاندى
0
2016-11-28 08:46:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

11-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:24 ئۆتكەندە، ئاقتۇ ناھىيەسىدە 6.7 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىرغا يەتتى. قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا يەر تەۋرەش تەسىرى كۈچلۈك بولدى، ھازىر تالاپەت ئەھۋالى ئېنىقلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردە يەنە ئۇدا كۆپ قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىدى. شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۆي سىرتىغا چىقىپ قالدۇق يەر تەۋرەشتىن پاناھلاندى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ قىسمەن بۆلىكى ۋاقتىنچە تاقالدى. شۇ جايدىكى كېچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان بولغاچقا، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆپچىلىك گۈلخان ياقتى.

ئاقتۇدا 6.7 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ لىمىڭ ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ تيېجۈن مۇجى يېزىسىغا بېرىش يولىدا ئاز مىقداردىكى تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش ۋە غۇلاپ چۈشۈش ئەھۋالىنى كۆردى. ئۇلار يول بويى كېسەك- ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقان ئاممىنىڭ سىرتتا پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىگە ئاقتۇ بازىرى، ئويتاغ بازىرى، ئۈجمە يېزىسى، پىلال يېزىسى، بارىن يېزىسى، جامالتېرەك يېزىسى، قاراكېچىك يېزىسى، بۇلۇڭكۆل يېزىسى، مۇجى يېزىسى، قىزىلتاغ يېزىسى، چارلۇڭ يېزىسى، كوسراپ يېزىسى ۋە تار تاجىك مىللىي يېزىسىدىن ئىبارەت 2 بازار، 11 يېزا قاراشلىق بولۇپ، كۆلىمى 24 مىڭ 555 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى تەخمىنەن 170 مىڭ ئىكەن.

يەر تەۋرىگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كۈچلىرى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئارقا- ئارقىدىن يېتىپ بېرىپ، مۇجى يېزىسى، كوسراپ يېزىسى ۋە ئالاقىدار كەنت، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار ئولتۇراق نوقتىسىدا بىر-بىرلەپ تەكشۈرگەن، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتىكى تەۋرەش مەركىزىنىڭ مۇجى يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېتىر بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا تېمى ۋە قوي قوتانلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسى يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش تەشكىللىگەن. سۈرەتتە: ياغاچ-كېسەك قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقان ئامما خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىرتتا چىقىۋالدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى تەمىنلىگەن ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى 200 كىلومېتىرلىق دائىرە ئىچىدە يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان 4 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش جەمئىي 83 قېتىم يۈز بەرگەن.

سۈرەتتە: كەنت ئاھالىلىرى ئۆي سىرتىغا چىقىپ قالدۇق يەر تەۋرەشتىن پاناھلاندى.

تۇنجى تۈركۈمدىكى نەق مەيدان خىزمەت ئەترىتى يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تۇتۇندى.

7427ea1214de19a1e64729.jpg
7427ea1214de19a1f3f53c.jpg
20161125083903782.jpg
20161123234029477.jpg