ھاۋانا پۇقرالىرى كاستروغا تەزىيە بىلدۈردى
0
2016-11-28 10:34:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

 

«مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، كۇبا ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ رەھبىرى فىدېل كاسترو 90 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. كۇبا پايتەختى ھاۋانا شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ ئۇلۇغ داھىيسىنى ئۇزىتىپ قويغان. سۈرەتتە: ھاۋانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى.

 

 

ھاۋانادىكى تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىلىشىدا، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارسىز ياش تۆككەن.

 

Rafaela Vargas ئىسىملىك موماي ئۆيىنىڭ ئالدىدا قايغۇرغان ھالدا تۇرماقتا.

 

كۇبا دۆلەت مۇداپىئەسى ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ باش ئىشتاب بىناسى ئالدىغا، چوڭايتىلغان دۆلەت بايرىقى بىلەن فىدېل كاسترونىڭ سۈرىتى ئېسىلدى.

 

كۇبالىق ئوقۇغۇچىلار كاسترونىڭ رەسىمىنىڭ ئالدىغا گۈل قويماقتا.

 

تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىلىشىدا، پەلەستىندىن كېلىپ تېببىي ئىلىم ئۆگىنىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى كاسترونىڭ رەسىمىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئۆكۈنۈپ يىغلىماقتا.

 

ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال گېزىتتىن كاسترونىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئوقۇماقتا. ئۇنىڭ بۇ خەۋەرگە ئىشەنگۈسى كەلمىگەن بولۇپ، خەۋەرنى يېنىش يېنىشلاپ ئوقۇيتتى. بۇ ئايالنىڭ قولىدىمۇ كۇبانىڭ پاپىرۇسى بار ئىدى.

 

ھاۋانا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەيدانغا يىغىلىپ، فىدېل كاسترو ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ.

 

ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت مىنىۋالغان ئوتتۇرا ياشلىق ئەرمۇ ۋېلىسىپىتىنىڭ ئالدىغا كاسترونىڭ رەسىمىنى ئېسىۋالغان ئىدى.

 

كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىناسى ئالدىغا چوڭايتىلغان دۆلەت بايرىقى ئېسىلدى. پۈتۈن مەملىكەت كاسترو ئۈچۈن توققۇز كۈن تەزىيە بىلدۈرىدۇ.

 

20161126104945875.jpg
7427ea1214de19a1e64729.jpg
7427ea1214de19a1f3f53c.jpg
20161125083903782.jpg