خەمىت تۆمۈر ئەپەندى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 85 يىللىقى خاتىرىلەندى (ئاۋازلىق)
0
2016-11-28 14:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى ھەم ئاتاقلىق تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئەپەندى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 26-، 27-نويابىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئېچىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى تەبرىك سۆزى قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

خەمىت تۆمۈر ئەپەندى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات ئىلىمىنىڭ، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان ئاساسچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتى جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇشقا، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى تەتقىقاتىغا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 3-،4-،5-نۆۋەتلىك باشلىقى بولغان. خەمىت تۆمۈر ئەپەندىنىڭ ئىلىم ئىدىيەسى، ئولۇغ تۆھپىسىگە ۋارسلىق قىلىش ۋە ئۇنى نۇرىلاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «خەمىت تۆمۈر ئەپەندى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قىلىپ بېكىتىلدى.

يىغىن داۋامىدا ھەر ساھەدىن كەلگەن ئالىم، مۇتەخەسسسلەر يىغىننىڭ باش تېمىسى شۇنداقلا تۈركىي تىللار توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

26-نويابىر چۈشتىن بۇرۇنقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، گۇرۇپپا مۇھاكىمىسى باشلاندى. گۇرۇپپا مۇھاكىمىسىدە، ھەر ساھەدىن كەلگەن ئالىم مۇتەخەسسسلەر ھەر قايسى تەرەپلەردىن خەمىت تۆمۈر ئەپەندىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى قازاق تىل ئەدەبىيات فاكولتېتىدىن پىروفىسسور خۇ جىنخۇا يولداش خەمىت تۆمۈر ئەپەندى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان كۈنلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:

  

خەمىت تۆمۈر ئەپەندى بىر تىلشۇناش بولۇپلا قالماستىن داڭلىق تەرجىمان. ئۇ قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلى، پارىس تىلى، خەنزۇ تىللىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، بۇ ساھەدىمۇ ئۆزىنىڭ تىل تالانتىنى نامايەن قىلغانىدى. ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر تەرجىمان ۋە تىلشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل يېزىق، تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، مىللەتلەر تىل يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەلئەت ئىبراھىم تىلەك:

 

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەتجان ماخمۇت:

 

 

خەمىت تۆمۈر ئەپەندى بىر ئۆمۈر ئۆزىنى تىل-يېزىق ۋە تەرجىمە ساھەسىگە بېغىشلاپ، زور نەتىجىلەرنى ياراتتى. بۇ ساھەدە نۇرغۇن ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ چىقتى.

 شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ باشلىقى شۆھرەت مۇھەممەتنىياز:

 

شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىن پىروفىسسور غەيرەتجان ئوسمان:

 

غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىدىن دوتسېنت ئادالەت ئابلاجان:

 

 

چاغاتاي تىلى خەمىت تۆمۈر ئەپەندىنىڭ يەنە بىر تەتقىقات ساھەسى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىرى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئاساسى پەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ماگستىر، دوكتۇر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەسس قىلىنغان زۆرۈر دەرسلىك. بۇلارنىڭ ئىچىدە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى 1976-يىلى ئاتاقلىق تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئەپەندى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان.

ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەركىن ئارىز:

 

خەمىت تۆمۈر ئەپەندى داڭلىق تىلشۇناس، پىشقەدەم مائارىپچى، ئاتاقلىق تەرجىمان بولۇپلا قالماستىن يەنە ئاقكۆڭۈللۈكى، كىچىك پېئىللىقى، كەمتەرلىكى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى.
جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شەمشىدىن مامۇت ھاجىم خەمىت تۆمۈر ئەپەندىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:

ئىككى كۈن داۋاملاشقان جۇڭگۇ تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى ھەم ئاتاقلىق تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئەپەندى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 27-نويابىر چۈشتىن كېيىن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدا يېپىلدى.

جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرستېتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىن پىروفىسسور لىتىپ توختى بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى:

 

 

جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتى 1980-يىلى قۇرۇلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلمىي تەشكىلات، بۇ جەمئىيەت ھازىرغىچە 11 قېتىم مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى يىغىن 12-نۆۋەتلىكى ، يىغىنغا ھەر ساھەدىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

 

4437e68d8d2719a4bdde3b.jpg
20161127122334590.jpg
20161126104945875.jpg
7427ea1214de19a1e64729.jpg