كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاك گۆنھى كورېيە تەپتىش نازارىتى تەرىپىتىدىن چاقىرتىلدى
0
2017-03-22 10:48:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

21-مارت، كورېيە سېئۇلدا، پاك گۆنھى تەپتىش نازارىتىگە يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى، كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا، كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاك گۆنھى «يېقىنىنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىش» ۋەقەسى سەۋەبلىك كورېيە تەپتىش نازارىتى تەرىپىتىدىن چاقىرتىلدى 

كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ 21-مارت خەۋەر قىلىشىچە: كورېيە تەپتىش نازارىتىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش تارمىقى 21-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە سابىق زۇڭتۇڭ پاك گۆنھىنى چاقىرتىپ، ئۇنى پارە ئالغان، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان دېگەندەك جىنايەت بىلەن تەكشۈردىكەن.

پاك گۆنھى كورېيە ئاساسى قانۇن تارىخىدا تەپتىش تەرىپىدىن تەكشۈرۈشكە چاقىرتىلغان تۆتىنچى زۇڭتۇڭ ئىكەن.

 

 

1120679114_14902340238961n.jpg
1120664030_14900624419361n.jpg
كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاك گۆنھى كورېيە تەپتىش نازارىتى تەرىپىتىدىن چاقىرتىلدى
129514841_14901010626061n.jpg