لى كېچياڭ ئاۋستىرالىيە زۇڭلىسى تۇرۇنبول ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
0
2017-03-24 14:15:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ يەر ۋاقتى 23-مارت چۈشتە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كامبىرادا ئاۋستىرالىيە زۇڭلىسى تۇرۇنبول ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون مۇقىملىقى تىنچلىقىغا تۈرتكە بولۇش شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئاۋستىرالىيەنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە بىر-بىرىنى ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، رىقابەتتە قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بىزنىڭ ۋە ئاۋستىرالىيەنىڭ بىر قاتار ئۇسۇللىرى رايونغا ھەم دۇنياغا سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى بىرلىكتە قوغداش، يەر شارىلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىمىزنى نامايەن قىلدى.

 

b02.jpg
لى كېچياڭ ئاۋستىرالىيە زۇڭلىسى تۇرۇنبول ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
1120679114_14902340238961n.jpg
1120664030_14900624419361n.jpg
129514841_14901010626061n.jpg