ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار سودا سانائەت يىغىنى ئېچىلدى
0
2017-06-13 10:40:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار سودا سانائەت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ياڭ جېچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو مۇھاجىرلار بايلىقى جەھەتتە چوڭ دۆلەت، ئۇزاقتىن بېرى نۇرغۇن جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا تەڭداشسىز مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.

ياڭ جېچى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار جۇڭگونىڭ ئەقىل ۋە بايلىق كىرگۈزۈشتىكى مۇھىم يولى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك، بارلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋەتەنگە يىلتىز تارتىش، جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنى تۇتاشتۇرۇشتەك ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياددا يېڭىلىق يارىتىشىغا قاتنىشىپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغان گۈزەل كېلەچەكنى بىرلىكتە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار سودا سانائەت يىغىنى ئېچىلدى