جۇڭگو پاناما بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى
0
2017-06-14 09:41:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا پانامانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى دېساينت مارو بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ھەققىدىكى بىرلەشمە ئاخباراتنى ئىمزالىدى. پاناما ھۆكۈمىتى دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بارلىقى، تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

تۈنۈگۈن، پانامانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى دېساينت مارو دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئاخباراتنى ئىمزالىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۇچرىشىشى دۇنيادىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. سۆھبەتتىن كېيىن، ۋاڭ يى دېساينت مارو بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بىرلەشمە ئاخباراتتا پاناما دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بارلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىن بىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

پاناما ھۆكۈمىتى شۇ كۈندىن باشلاپ تەيۋەن بىلەن بولغان ئاتالمىش«دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى» ئۈزۈپ تاشلىدى ھەمدە تەيۋەن بىلەن ھەر قانداق ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتى ئورناتماسلىق ۋە ھۆكۈمەت ئالاقىسى قىلماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەردى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەت ئاخبارات ئىمزالىغان كۈندىن باشلاپ، بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلدى. بۇ بىر تارىخىي پەيت بولۇپ، جۇڭگو پاناما مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

شۇنىڭ بىلەن تەڭ، پاناما زۇڭتۇڭى بارېرا تېلېۋىزور ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ مۇنداق دېدى: مەن پۈتكۈل مەملىكەتكە شۇنى جاكارلايمەنكى، بىز 2017-يىلى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلدۇق. ئىشىنىمىزكى ھازىر دەل ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇۋاپىق پەيتى.

پاناما ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇھىم دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەيۋەننىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىپ كەلگەن. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا سان تومى ۋە پرىنسىپىي تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، نىگېرىيە، فېيجى قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تەيۋەندىكى ۋاكالەت باشقارمىسىنى كەينى كەينىدىن بىكار قىلىپ، تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن بولغان ھۆكۈمەت ئالاقىسىنى توختاتتى.

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ تۈنۈگۈن سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى، جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. «92-يىلىدىكى ئورتاق تونۇش»نى ئېتىراپ قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىدەك يادرولۇق مەنىنى تونۇپ يەتكەندىلا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ئاندىن تىنچ تەرەققىي قىلىشتەك توغرا يۆنىلىشىگە قايتىدۇ. تەيۋەن دائىرىلىرى ئوبيېكتىپ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئاقىلانە تاللىشى كېرەك.

 

جۇڭگو پاناما بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى