ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
0
2018-03-15 09:24:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە كۈرەش قىلىۋاتقان خەلق مەسلىھەت كېڭىشى يەنە بىر قېتىملىق نۆۋەت ئالمىشىشنى تاماملىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ياڭ 14-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 24 مۇئاۋىن رەئىسى سايلاپ چېقىلدى.

سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ يىغىن مەيدانىغا كېلىپ، ۋۇجۇدقا كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى تەبرىكلىدى. يىغىن رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، يۈ جىڭشىڭ ۋاڭ ياڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يىغىن زالىدا چاۋاك ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

يىغىندا سايلانغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى: جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلالاڭجې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەنگاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جىڭۋىي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جىڭيىڭ، شا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ چىڭيۇڭ، خېلى لىفىڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شىڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋىي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ.

يىغىندا، شيا باۋلۇڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى ھەم سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 300 ئەزاسى سايلاپ چېقىلدى.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جاڭ چىڭلى، دۇڭ جيەنخۇا، خې خۇخۇا، لياڭ جېنيىڭ يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى بولدى، يىغىنغا جاڭ چىڭلى رىياسەتچىلىك قىلدى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى 2158 بولۇپ، ئەمەلىيەتتە 2144 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى، بۇ-سايلامدا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

سايلام باشلىنىشتىن بۇرۇن، يىغىن رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن خىزمەتچىلەرنى باش ئاۋاز نازارەتچىلىرى، ئاۋاز نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى. باش ئاۋاز نازارەتچىلىرى، ئاۋاز نازارەتچىلىرى ئارقىدىن ئۆز جايىدىن ئورۇن ئالدى، ئاۋاز نازارەتچىلىرى پۈتۈن مەيداندىكى 23 بېلەت ساندۇقىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئىككى باش ئاۋاز نازارەتچىسى يىغىندا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى.

ئارقىدىن، خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى تارقىتىشقا باشلىدى. سايلام بېلىتى ئىككى خىلغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپنى سايلايدىغان بېلەت ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى سايلايدىغان بېلەتتىن ئىبارەت.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسىگە ئاساسەن، يىغىندىكى سايلامدا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى تەڭ نامزات كۆرسىتىپ سايلاش ئۇسۇلى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلدى. نامزاتلار ئېرىشكەن قوللاش ئاۋازى بارلىق ئەزالار سانىنىڭ يېرىمىدىن ئاشقاندا ئاندىن سايلاندى. خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇش تەلىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەزالار ئاۋاز بېرىشكە باشلىدى. ئاۋاز بېرىش باشلانغاندىن كېيىن، باش ئاۋاز نازارەتچىلىرى، ئاۋاز نازارەتچىلىرى جايىدىن ئورۇن ئالدى ھەم ئالدى بىلەن ئاۋاز بەردى، ئەزالار ئولتۇرغان ئورۇن تەرتىپى بويىچە بەلگىلەنگەن بېلەت ساندۇقلىرىغا سايلام بېلەتلىرىنى تاشلىدى.

خىزمەتچىلەر يىغىۋالغان سايلام بېلەتلىرىنى ھېسابلىغاندىن كېيىن، باش ئاۋاز نازارەتچىلىرى يىغىن رىياسەتچىسىگە ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنىڭ دوكلات قەغىزىنى تاپشۇردى. يىغىن رىياسەتچىسى سايلام كۈچكە ئىگە دەپ جاكارلىدى.

ئاۋاز ھېسابلىنىپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر سايلامنىڭ ئاۋازىنى ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. سايلام نەتىجىسى-رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، باش كاتىپ ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بولۇپ جەمئىي 325 نامزات ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ بارلىق ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ، تولۇق سايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 64 ياش. مۇئاۋىن رەئىسلەر ئارىسىدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەزاسى 11، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولمىغان كىشى 13، ئاز سانلىق مىللەتتىن تۆت كىشى، ئايالدىن ئىككىسى بار. يېڭىدىن سايلانغان دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59.3 ياش، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولمىغان كىشى 195 بولۇپ، 65 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەتتىن 33 كىشى، ئايالدىن 39ى بار.

مەيداندىكى ئەزالار يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن ئالقىش سادالىرى بىلەن تەبرىكلىدى.

a01.jpg
1122577867_1521727618002_title0h.jpg