13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى
0
2018-03-17 15:15:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا 17-مارت چۈشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

بۇ سايلام نەتىجىسى جاكارلانغاندا، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

يىغىندا، يەنە لى جەنشۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا، ۋاڭ چىشەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 بولۇپ، 2970 ئادەم قاتناشتى، ئون ئادەم قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن بولدى.

يىغىنغا يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى چېن شى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ دۇڭمىڭ، شۈ چىلياڭ، جاڭ شۈەن، لۇ چىنجيەن، لو خۇينىڭ، جياڭ چاۋلياڭ رەئىس سەھنىسىدىكى ئىجرائىيە رەئىسلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ گوۋۇيۈەن ئورگان ئىسلاھاتى لايىھەسى ھەققىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، بۇ لايىھە تەستىقلاندى. يىغىندا، گوۋۇيۈەندىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ سايلاش ھەم ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

سائەت توققۇزدىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، سايلام رەسمىي باشلاندى. ئاۋاز نازارەتچىلىرى ئالدى بىلەن يىغىن مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 28 ئېلېكتىرونلۇق بېلەت ساندۇقى، ئېلېكتىرونلۇق سايلاش سىستېمىسىنى تەكشۈردى. ئارقىدىن، خىزمەتچىلەر سايلام بېلىتىنى تارقىتىشقا باشلىدى. ئوخشىمىغان رەڭدىكى تۆت سايلام بېلىتى ھەر بىر ۋەكىلگە تارقىتىپ بېرىلدى. سايلام بېلىتى خەنزۇچە ۋە يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا بېسىلغان.

ئارقىدىن، ۋەكىللەر ئاۋاز يېزىشقا باشلىدى. يىغىن مەيدانىنىڭ ئارقىسىغا مەخپىي ئاۋاز يېزىش ئورنى تەسىس قىلىندى.

سايلاش ھەم ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تەڭ نامزات كۆرسىتىپ سايلاپ چىقىلدى.

سائەت توققۇزدىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، باش ئاۋاز نازارەتچىلىرى، ئاۋاز نازارەتچىلىرى ئالدى بىلەن ئاۋاز بەردى. ئارقىدىن، ۋەكىللەر ئاۋاز بېرىشكە باشلىدى. ئاۋاز بېرىپ بولغاندىن كېيىن، باش ئاۋاز نازارەتچىلىرى سايلام بېلىتىنى تارقىتىش ۋە يىغىۋېلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، سايلام كۈچكە ئىگە بولدى.

خىزمەتچىلەر ئاۋاز ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئاۋاز ھېسابلاش نەتىجىسىدىن دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى سايلاشتا، شى جىنپىڭنىڭ 2970 قوللاش ئاۋازىنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكەنلىكى ئايان بولدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

رىياسەتچى يولداش شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى دەپ جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى. بارلىق ۋەكىللەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش بىلەن شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا تۇرغان لى كېچياڭ بىلەن جاڭ دېجياڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم-ئايرىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.

رىياسەتچى يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندا، يىغىندا مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى، شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئارقىدىن رىياسەتچى: يولداش لى جەنشۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا، يولداش ۋاڭ چىشەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، يولداش ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇالار 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، يولداش ياڭ جېنۋۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى دەپ تەرتىپ بويىچە جاكارلىدى.

ھەر بىر سايلام نەتىجىسى جاكارلانغاندا، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

ئالقىش ساداسى ئىچىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا يېڭى سايلانغان لى جەنشۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى. ئارقىدىن، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ قېشىغا باردى، ئىككىيلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، شى جىنپىڭ ئۇنى تەبرىكلىدى. لى جەنشۇ يەنە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆز ئارا ئېھتىرام بىلدۈردى. جاڭ دېجياڭ يەنە شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، رەھمەت ئېيتتى ھەم ھۆرمەت بىلدۈردى.

ئالقىش ساداسى ئىچىدە، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە يېڭى سايلانغان ۋاڭ چىشەن ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش ھەققىدىكى تەشكىلىي چارىسىگە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

سائەت ئوندىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركىستىرى نەق مەيداندا قەسەمياد مۇراسىمى مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى.

قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 12 ھۆرمەت قاراۋۇلى ئىككى رەتكە تىزىلىپ يىغىن مەيدانىنىڭ ئارقىسىدىن تەكشى قەدەم بىلەن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا باردى.

ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى. رەئىس سەھنىسىدە، ئۈچ ھۆرمەت قاراۋۇلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى»نى مەيدانغا ئېلىپ كىردى ھەم ئاساسىي قانۇننى قەسەمياد مۇنبىرىگە قويدى.

ھەربىي ئوركىستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى ئارقىسىدا، پۈتۈن مەيداندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى.

ئارقىدىن، خىزمەتچى ھازىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنى قەسەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز دەپ جاكارلىدى. رەئىسنىڭ سەھنىگە چىقىش سىگنالىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، يېڭىدىن دۆلەت رەئىسلىكى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدىكى ئورنىدىن تۇرۇپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن قەسەمياد مۇنبىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى.

رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقىسىدىكى پەردىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك چاقناپ تۇراتتى. نەق مەيداندىكى ئۈچ مىڭغا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بۇ مۇقەددەس پەيتكە بىرلىكتە شاھىت بولدى.

شى جىنپىڭ سول قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ تۇرۇپ، ئوڭ مۇشتۇمىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇنداق دەپ تەنتەنىلىك قەسەم بەردى: مەن شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى، مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولىمەن، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولىمەن، مەجبۇرىيىتىمنى كەسكىن ئادا قىلىمەن، پاك-دىيانەتلىك بولىمەن، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمەن، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!

شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن پۈتۈن مەيداندىكىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى. نەق مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئارقىدىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا يېڭى سايلانغان لى جەنشۇ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە يېڭى سايلانغان ۋاڭ چىشەن ئايرىم-ئايرىم ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بەردى، يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى ئاساسىي قانۇنغا كوللېكتىپ قەسەم بەردى.

a01.jpg
1122577867_1521727618002_title0h.jpg