شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى
0
2018-04-10 17:32:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

10-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىغىنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئېچىۋېتىپ بىرلىكتە گۈللىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئېچىۋېتىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشى كېرەك؛ جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا تەۋرەنمەستىن قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدىغان يېڭى زور تەدبىرلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرگە ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

ئاپرېل ئېيىدىكى بوئاۋنىڭ ھاۋاسى يېقىشلىق، دېڭىز سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى ياپيېشىل ئىدى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى خەلقئارا يىغىن مەركىزى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا ھەرقايسى دۆلەت مېھمانلىرى جەم بولدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىمدا، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاۋسترىيە زۇڭتۇڭى ئالېكساندر ۋان دېر بېللېن، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى رودرىگو دۇتېرت، موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئۇخناگىن خۇرېلسۇخ، گوللاندىيە باش ۋەزىرى مارك رۇت، پاكىستان زۇڭلىسى شاھىت خاقان ئابباسى، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگاردى قاتارلىق چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە جۆرىلىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىردى. مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇنبەرگە چىقىپ باش مەقەستلىك نۇتۇق سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاسىيانىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەم قىلىش، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىجابىي تۆھپە قوشتى. بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىندا «ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىشچان ئاسىيا، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان دۇنيا» باش تېما قىلىندى، بۇ دەۋر ئېقىمىغا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۈمىدىگە ئۇيغۇن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: 2018-يىلى جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. جۇڭگو خەلقى 40 يىل ئىرادىسىدىن قورغان ھاسىل قىلىپ، 40 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، 40 يىللىق ئىسسىق سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇردى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرانە ئېلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلدى ۋە راۋاجلاندۇردى، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، قەتئىي ئالغا ئىنتىلىپ، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتىپ، دۇنيانى كۆزدە تۇتۇپ، ھەم مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشنى تەكىتلىدى ھەم سىرتقا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشقا ئەھمىيەت بەردى، ھەم سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى ھەم تاش ياقىلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئوڭۇشلۇق ئاچتى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، توختىماي ئالغا بېسىپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، ئۆزىنى يېڭىلاشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل سىناق قىلىپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، ئىدىيە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تۈزۈم كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلق تارىخنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى تولۇق نامايەن قىلدى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، ئېچىۋېتىش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە جەمئىيەتتىن تولۇق ئېچىۋېتىشكە قاراپ ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە ھەرىكەت مەنبىيىگە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر دۆلەت، بىر مىللەت گۈللەپ روناق تاپىمەن دەيدىكەن، تارىخنىڭ ئالغا بېسىش قانۇنىيىتى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا، تىنچلىق ھەمكارلىق ئېقىمى، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش ئېقىمى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئېقىمى توختىماي ئالغا باسماقتا. دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئالغا بېسىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تىنچ، بىخەتەر، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، قارشىلاشماي سۆزلىشىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەي شېرىكلىشىدىغان دۆلەتلەر ئالاقىلىشىش يېڭى يولىدا مېڭىپ، ئەبەدىي تىنچلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز؛ سۆزلىشىپ مەسلىھەتلىشىپ، ئورتاق مەسئۇل بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك ۋە ئورتاق بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز؛ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا كۆرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىي بەرپا قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، تەڭ مەنپەئەتلىنىش، تەڭپۇڭ بولۇش، تەڭ پايدا كۆرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز؛ بىربىرىمىزنى سىغدۇرۇپ، ئىناق بىللە ئۆتۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىن ئۆرنەك ئېلىشنى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق كۆۋرۈكىگە ئايلاندۇرۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش رىشتىسىنى قوغدىشىمىز؛ تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، يەر شارىنى قەدىرلەپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولىگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، ئەۋلادلارغا كۆك ئاسمان، يېشىل دېڭىز، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قالدۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى كارتىنىسى ھاسىل قىلىندى. يېڭى دەۋردە، جۇڭگو خەلقى داۋاملىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىسلاھ قىلىپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؛ داۋاملىق دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ؛ ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىدۇ؛ دۇنيا بىلەن داۋاملىق تەڭ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆتكەن 40 يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلگەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشى شەرت. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى قانچە كەڭ ئېچىلسا ئېچىلىدۇكى تاقىلىپ قالمايدۇ. بۇ جۇڭگو تەرەققىيات ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتقانلىق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە بىر قاتار يېڭى ۋە زور تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلدى.

بىرىنچى، بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە بوشىتىدۇ. بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا كەسىپىدىكى چەتئەل مەبلىغىنىڭ پاي نىسبىتىگە قويۇلىدىغان چەكنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدىكى زور تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، سۇغۇرتا كەسپىنى ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، چەتئەل مەبلىغىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، چەتئەل مەبلىغىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ جۇڭگودىكى كەسىپ دائىرىسىنى، جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرى ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىدۇ. ئاپتوموبىل كەسپى قاتارلىق ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىدىكى چەتئەل مەبلىغىنىڭ پاي نىسبىتىگە قويۇلغان چەكلىمىنى تېزدىن بوشىتىدۇ.

ئىككىنچى، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسى بىلەن ئۇلىشىشنى، ئاشكارا بولۇش، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، رىقابەتلىشىشكە ئىلھام بېرىپ، مونوپۇللۇققا قارشى تۇرىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش پاسسىپ تىزىملىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقرالار تەمىناتى پاسسىپ تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ئۈچىنچى، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ. دۆلەتلىك بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ، قانۇن ئىجراسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ. جۇڭگودىكى چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، شۇنداقلا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخىمۇ قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تۆتىنچى، ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو سودا ئاكتىپ بالانسىنى قوغلىشىشنى نىشان قىلمايدۇ، ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، دائىملىق تۈرلەرنىڭ كىرىم-چىقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ يىل ئاپتوموبىل ئىمپورتى تاموژنا بېجىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە باشقا قىسمەن ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ «ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش كېلىشىمى»گە قاتنىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق يۇقىرى-ئىلغار تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا چەكلىمە قويماسلىقىنى، جۇڭگوغا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بوشىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەر قايسى ئەللەردىكى دوستلارنىڭ 11-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن جاكارلىغان بۇ زور ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، تۆمۈرنى قىزىقىدە سوقىمىز، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن جۇڭگو كارخانىلىرى، جۇڭگو خەلقى شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر كارخانىلىرى، خەلقىگە نەپ يەتكۈزىمىز. ئىشىنىمەنكى، تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدە چوقۇم يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى جۇڭگودا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ لېكىن پۇرسەت ۋە نەتىجە دۇنياغا تەۋە. ھەر قايسى تەرەپلەر تەڭ مەسلىھەت قىلىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلسىلا، بىر بەلباغ بىر يولنى ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇش ئېقىمىغا ماسلاشقان ئەڭ كەڭ خەلقئارا ھەمكارلىق سەھنىسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئېچىۋېتىپ تەڭ پايدا كۆرۈش، مەردانە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيە تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيلى! ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى!

نۇتۇق جەريانىدا قىزغىن چاۋاك ئاۋازى كۆپ قېتىم ياڭرىدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى فۇكۇدا ياسۇئو قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان چەتئەلنىڭ مۇھىم سىياسىيونلىرى ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھاد ئېچىۋېتىشىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو يولغا قويغان بىر يۈرۈش ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش سىياسەت تەدبىرلىرى دۇنيانى ئىلھاملاندۇرۇپ، كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ئىسلاھاد ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ-جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە نىسبەتەن خۇشخەۋەر بولۇپ، يەرشارىنى ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئاسىيا تاراتقۇلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە مۇھاجىرلار ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، ئىككى قىرغاق ئورتاق بازىرى فوند جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مېھمان كۈتۈش زالىغا بېرىپ چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى كۈتۈۋالدى ھەمدە كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارغا قارشى ئېلىش زىياپىتى بەردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇرىسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ياڭ جېچى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شىجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ، دۆلەت كوممىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىغىنى 8-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، «ئوچۇق، يېڭىلىق يارىتىشچان ئاسىيا، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا» يىغىننىڭ باش تېمىسى بولدى. نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە سىياسىي، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار، مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملاردىن بولۇپ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى.

 

شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى
a02.jpg
W020180411343379410788.jpg