شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قاتناشقان كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
0
2018-04-12 09:16:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاپرېل خەينەننىڭ بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋارىمىز. يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-جۇڭگونىڭ ھازىرقى چوڭ يۆنىلىشى. بىز ماڭغان يول-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش يولى. بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز كامىل. بىز تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىقدارنى كۆپەيتىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلىنىپ، بارمۇ-يوق دېگەندىن ياخشىمۇ ياكى ئەمەسمۇ دېگەنگە قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ئالغا ئىلگىرىلىسە ئىلگىرىلەيدۇكى، توختاپ قالمايدۇ. بىز سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىمىز، بىزنىڭ ئىسلاھات قەدىمىمىز توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش دەرۋازىمىز تاقىلىپ قالمايدۇ. بىز تۈزۈمنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى سۈپەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىمىز لازىم. بىز ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا جۇڭگونىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك، بىز سىلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى كارخانىچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە تېخىمۇ ئازادە، تەرتىپلىك مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ. بىز ھەر قايسى دۆلەت كارخانىچىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور ئىشلارنى قىلىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش، تەڭ پايدا كۆرىدىغان، تەڭ بەھرىلىنىدىغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى ئوچۇق يولغا قۇيۇلۇۋاتىدۇ. بىز ئايرىمچىلىق قىلمايمىز، ھەم مەجبۇرلىمايمىز. بىز شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى پىلانىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز.

تايلاند جېڭدا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شيې گومىن، جۇڭگو يۈەنياڭ دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ لىرۇڭ، ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باشلىقى بو مەيلۇن قاتارلىق توققۇز كارخانىچىلار ۋەكىلى سۆھبەت يىغىنىدا ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئېرىشكەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: رەئىس شى جىنپىڭ مۇنبەر يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جاكارلىغان جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ھەققىدىكى بىر قاتار زور تەدبىرلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، بۇ دۇنياغا چىقىرىلغان يەر شارىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئۇچۇر. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقى مىسلىسىز بولماقتا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى چەتئەل مەبلىغىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە قىلماقتا. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

جۇڭگو-چەتئەل كارخانىچىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن 70 نەچچە كىشى سۆھبەتكە قاتناشتى.

a02.jpg
W020180411343379410788.jpg