شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئوپچە كۆرۈشتى
0
2018-04-12 09:18:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاپرېل خەينەن ئۆلكىسىدىكى بوئاۋ دۆلەت مېھمانخانىسىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئوپچە كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 1997-يىلى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاسىيا ئەللىرىنىڭ خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئورتاق تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان. مۇنبەر قۇرۇلغان 17 يىلدىن بۇيان، مەۋقەنى ئاسىياغا قارىتىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئاسىيانىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەم قىلىش، ئاسىيانىڭ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ يىللىق مۇنبەر يىللىق يىغىنىدا «ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىشچان ئاسىيا، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان دۇنيا» دېگەن باش تېما چۆرىدىلىپ چوڭقۇر مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى، ھەممەيلەن: دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ تەرەققىيات، چوڭ تەڭشىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋەزىيەتتە، تارىخ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش لازىم، دەپ قارايدۇ. كۆپچىلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرسىز بولۇۋاتقان، سودا قورۇقچىلىقى خىرىس قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساقلىق، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ؛ كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ھەرقايسى دۆلەت سىياسىيونلىرى ئەۋلادلارنى كۆزلىشى، كەلگۈسىنى پىلانلىشى لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 يىللىق تەجرىبىلىرىنىڭ بىر مۇھىم كۆرسەتمىسى شۇكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۆز تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭگو مۆجىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشقا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىرىسقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدۇ؛ ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەت تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان، پاكىزە، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، ھەمبەھرلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھنىسىنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ساھىبخانى سۈپىتىدە، مۇنبەرگە تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ماكانى ھازىرلاپ بېرىدۇ شۇنداقلا مۇنبەردە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشتا پائال رول ئوينايدۇ. 1-ئاسىيانى نىشانلاپ، ئاسىياغا مۇلازىمەت قىلىش لازىم. مۇنبەر ئاسىيا ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئاسىيانىڭ ساداسىنى چىقىرىپ، ئاسىيا لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاسىيا تەشەببۇسىنى خەلقئارا ئورتاق تونۇش، خەلقئارا ھەرىكەتكە كۆتۈرۈپ، ئاسىيانىڭ يەر شارىدىكى تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. 2-دۇنياغا باغرىنى ئېچىپ، ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان بولۇش لازىم. مۇنبەر دۇنيادىن تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئېلىپ، شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى يۇغۇرۇپ، سىرتقا تېخىمۇ يۈزلىنىپ، يەر شارى دائىرىسىدە ھەمكارلىق، شېرىكلىك تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دوستلار چەمبىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى كېرەك. 3-ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يارقىن نۇقتىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم. مۇنبەر ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ سەمىمىي ئالماشتۇرۇشى، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئەقلىي مەدەت ھازىرلىشى، خەلقئارا جەمئىيەت نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ بوئاۋ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى كېڭەش باشلىقى فۇكۇدا ياسۇئو، كاندىدات كېڭەش باشلىقى بانكىمون، ھازىرقى كېڭەش ئەزاسى، پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى ئەزىز، فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى راففارىن، كاندىدات كېڭەش ئەزاسى، فىلىپپىننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئاررويو، ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پرودى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىلقى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان باش مەقسەتلىك نۇتۇقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىنى ئېنىق سۈرەتلەپ بەردى، زور ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىسلاھات روھى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئىنتايىن ئېسىل نۇتۇق بولۇپ، كىشىنى قايىل قىلماي تۇرۇلمايدۇ. يەرشارىلىشىش ۋە كۆپ تەرەپلىشىش خىرىسقا دۇچ كەلگەن پەيتتە سۆزلەنگەن بۇ نۇتۇقنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، كىشىلەرگە دۇنيانىڭ ئىلگىرىلەش يۆلىنىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئىنتايىن مۇھىم پەيتتە توغرا جاۋاب بىلەن تەمىنلىدى، يەنى، جۇڭگو جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشقا، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشقا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، كىشىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ چىڭىدى. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىدۇ، ئاسىيا ۋە دۇنياغا گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ، دۇنيادىكى باشقا ئەللەرنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم موتورى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم ئىجابىي رول ئويناۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگوغا ئوخشاش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشى كېرەك، بېكىنمىچىلىك قىلىشقا، قورۇقچىلىق قىلىشقا، بىر تەرەپلىمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى زۆرۈر. مۇنبەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

a02.jpg
W020180411343379410788.jpg