شى جىنپىڭ قىرغىزىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئاتامبايىف بىلەن كۆرۈشتى
0
2018-04-12 09:22:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئامانگۈل ھېبىبۇللا

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاپرېل خەينەننىڭ بوئاۋدىكى دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قىرغىزىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئاتامبايىف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەدىناس دوستۇم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن. جۇڭگو-قىرغىزىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش- جۇڭگونىڭ ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە يولغا قويۇۋاتقان ئىچكى تاشقى سىياسىتىنى قوللايدۇ، قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇرسەن. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن ھەمكارلىشىشتا قوشنىلار ئارا دوستانە ئۆتۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، باشتىن ئاخىر بۇنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-قىرغىزىستان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىقىدا دەسلەپكى مۇھىم ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئەھمىيىتى زور. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرگە ئالاقىدار تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. سىزنىڭ قىرغىزىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاتامبايىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىز مۇنبەردە ناھايىتى قالتىس نۇتۇق سۆزلەپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ قايسى تەرەپكە قاراپ مېڭىشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردىڭىز، بۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە يەتتى. جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

a02.jpg
W020180411343379410788.jpg