شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى دوستلۇق ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
0
2018-05-17 10:41:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئېلنۇرە رەھىمبەگ

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاك تەيسېن باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى دوستلۇق ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىن كۆرۈشۈش قاتارلىق ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

پاك تەيسېن ئالدى بىلەن كىم جۇڭئۇننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ پاك تەيسېنغا كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مارتتا كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن تارىخىي خاراكتېرىلىك ئۇچراشتىم، ئۆتكەن ھەپتە مەن يەنە كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن دالىيەندە كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردۇق. بۇ قېتىم چاۋشيەنىڭ بارلىق ئۆلكىلىك شەھەرلىك كومىتېت باشلىقلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۆمەك تەشكىللەپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى مەن ۋە كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرى ھەم ئىككى پارتىيە ئارا بىر قېتىملىق مۇھىم ئالاقە بولۇپ، كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىككى پارتىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشنى كۈچەيتىش، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، ئىشىنىمەنكى ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت قىلىپ، ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك تەرەققىياتىمۇ يېڭى تارىخىي دەۋرگە كىردى. بىز شىمال جەنۇب مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى قوللايمىز، چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايمىز، كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى باشلاپ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايمىز، چاۋشيەن بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى خالايمىز. ھەر قايسى ئۆلكە شەھەرلىك كومىتېت باشلىقلىرى چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىسىزىم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى تايانچ كۈچلەر، سىلەرنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ رەھبەرلىكىدە چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

پاك تەيسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن،جۇڭگو پارتىيەلىرىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى نۇرلاندۇرۇپ، يولداشلارچە سەمىمىي تارىخىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ قېتىم چاۋشيەندىكى بارلىق ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ كومىتېت باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن دوستلۇق ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ ئەۋەتىشى بىلەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، مەقسەت: ئىككى پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، چاۋشيەن پارتىيەسىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناپ، ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرى بىۋاسىتە يۈكسەلدۈرگەن چاۋشيەن جۇڭگو دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش.

ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى دوستلۇق ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

1122843346_1526469903000_title0h.jpg
123123.jpg
شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى دوستلۇق ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg