جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى
0
2018-05-18 19:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

18-ماي جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بېيجىڭدىكى دۇڭسى مەسچىتىدە «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە جايلاردىكى ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرى ۋە مەسچىتلەرگە تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، دۆلەت بايرىقى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملار، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇانىڭ 、مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەسچىتكە كىرگۈزۈشنى چاقىرىق قىلدى. نەق مەيداندا يەنە داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە بېيجىڭدىكى مەسچىتلەرگە كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم بايانلىرى ئېلىمىزنىڭ دىنلارغا جۈملىدىن ئىسلام دىنىغا ساغلام ۋارىسلىق قىلىشىغا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، « تۆت ئاڭ»، «تۆت ئىشەنچ»، «بەش تونۇش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭى ۋە قانۇنچىلىق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم ياخشى دىنى مۇرىت ھەم ياخشى پۇقرا بولۇش لازىم؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى دىنىي قائىدىگە سىڭدۈرۈپ، دىنىي ئەقىدىلەر توغرىسىدا قىممەت قارىشىغا ماس كېلىدىغان ئىزاھات بېرىپ، چوڭقۇر، تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىش لازىم؛ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدە ئۆگىنىش، ھېس قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە جۇڭگو مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش كېرەك.

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش باش تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، لېكسىيە، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە تەشكىللەش، مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە بېيجىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئامما ۋەكىللىرى پائالىيەتنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى تەشەببۇس قىلىپ قانات يايدۇرغان «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى جايلاردىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ كەڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ۋە قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئالاقىدار پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى.

1122843346_1526469903000_title0h.jpg
123123.jpg
جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg