لى كېچياڭ خۇنەندە خىزمەت تەكشۈردى
0
2018-06-13 10:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

سۈرەتتە: 11-، 12- ئىيۇن، لى كېچياڭ بەيشاجۇ سانائەت باغچىسىغا بېرىپ، خۇنەن، بولۇپمۇ جەنۇبىي خۇنەننىڭ قوبۇللاش كەسپىنى يۆتكەش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-، 12-ئىيۇن خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ جياخاۋ، ئۆلكە باشلىقى شۈ داجېنىڭ ھەمراھلىقىدا خېڭياڭ، چاڭشادا خىزمەت تەكشۈردى.

لى كېچياڭ خېڭياڭ شەھىرىنىڭ بەيشۈي كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا مۇنداق دېدى: بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تاماق مەسىلىسى-بەك چوڭ ئىش، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسى ۋە ئۇنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرگەن ئاساستا تۈرلۈك شەكىللەردىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەر بىلەن دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىشتىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش كېرەك.

لى كېچياڭ بەيشاجۇ سانائەت باغچىسىغا بېرىپ، خۇنەن، بولۇپمۇ جەنۇبىي خۇنەننىڭ قوبۇللاش كەسپىنى يۆتكەش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى كونىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، كەسىپنىڭ مۇۋاپىق، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. قوبۇللاش كەسپىنى يۆتكەشتە سېلىشتۇرما ئېتىبار سىياسىتىگە تايانماستىن، سېلىشتۇرما سودا مۇھىتىغا تايىنىش كېرەك.

سۈرەتتە لى كېچياڭ سەنيى گۇرۇھى چاڭشا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق سېخىنى كۆزدىن كەچۈردى

لى كېچياڭ سەنيى گۇرۇھى چاڭشا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق سېخىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ 380 مىڭدىن ئارتۇق سانائەت ئۈسكۈنىسى بىرلەشمە تورى سانلىق مەلۇماتىغا تايىنىپ شەكىللەندۈرگەن «قېزىش ماشىنىسى كۆرسەتكۈچى» ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، لى كېچياڭ بۇنىڭ ئىچىدە ئىنكاس قىلىنغان ئوخشىمىغان جايلار ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوچۇق، ھەمبەھىرلىك، سىغدۇرۇشچان سانائەت ئىنتېرنېت سۇپىسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىپيېڭى مېخانىزم ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار ۋە ئىجادىيەتنى مۇجەسسەملەپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەم يۇغۇرۇلما راۋاجلاندۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى كېچياڭ چەتئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان بوشى چاڭشا شىركىتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ جۇڭگو كېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، چەتئەللىك سودىگەرلەر قىزغىنلىق بىلەن مەبلەغ سالىدىغان مەنزىلگە داۋاملىق ئايلىنىدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتىدۇ، ئاپتوماتىك ھەيدەش قاتارلىق ئىلغار ياسىمىچىلىق ساھەلىرىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

58 گۇرۇھى كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى نۆۋەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ تەمىنات-تەلەپ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇردى، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش-خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ ئۇلتېشى. ئىنتېرنېت قوشۇلغان خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەمبەھىرلىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى پائال يېتىشتۈرۈش ھەم ئۇنىڭغا يېتەكلەش لازىم. لى كېچياڭ يەنە ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خادىملىرىنى تەربىيەلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇلارنى كەسپىي مۇلازىمەت ئارقىلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

لى كېچياڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاپاغا چىداپ پۇختا ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.