شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى
0
2018-07-11 09:49:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :قۇرباننىسا جاپپار

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا، يىغىن رەسمىي باشلاندى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى تەرەپ قەدىمىي يىپەك يولىدا «دېڭىز يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ»، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا بىر-بىرىنى قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا كۆرۈشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇردى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى، قانداق جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى شېرىكلەر، جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ ، بىر يول »نى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسى ئەرەب دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشىغا ئېرىشتى. تارىختىكى يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى ۋە بەرپاچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەرەب ئەللىرى بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، «بىر بەلباغ ، بىر يول »نى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتىكى تەبىئىي ھەمكارلىق شېرىكلەر. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ، « بىر بەلباغ، بىر يول»نى رايون ئەمەلىيىتى بىلەن، كوللېكتىپ ھەرىكەتنى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق بىلەن، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىنچلىقنى قوغداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ كەمكۇسلىرىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئىلىپ، رايون خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ. بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ ، بىر يول » قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىغۇچى، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ئۆرنەك قىلىدىغان ياخشى دوست بولۇشنى خالايدۇ.

1-:ئىستراتېگىيەلىك ئىشىنىشنى كۈچەيتسەك. سۆزلىشىش، كېڭىشىش، ئىگىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ قورساقلىق بىلەن يارىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس پىلانىنى تۈزىدۇ ھەم ئالاقىدار ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدۇ.

2-: گۈللىنىش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرساق. جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، بۇنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىككى چوڭ ئارزۇسى بىلەن زىچ باغلايدۇ. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «باشلامچى تەدبىر»نى چىڭ تۇتۇپ، نېفىت ، تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ ، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ھەمكارلىقىنى تەڭ يۈكسەلدۈرىدۇ. جۇڭگو «جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى بانكا بىرلەشمىسى» قۇرىدۇ.

3-: ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا كۆرسەك. جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش ئىلىپ بارىدۇ. جۇڭگو ئەرەب ئەللىرىنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشنى قارشى ئالىدۇ.

4-: كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك قىلساق. جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنى زورايتىپ، ئىككى تەرەپنى تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلىسەك. تىنچلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، خاتا چۈشەنچىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق تۈگىتىپ، ئىختىلاپلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەل قىلىش، ھەمكارلىشىپ تور مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ جۇڭگو - ئەرەب ئەللىرى خەلقىنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىغان، ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەمدە جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوخشاشلا خەلقئارا سەھنىدىكى مۇھىم سىياسىي كۈچلەر، بىز تارىخىي ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا سەمىمىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئوتتۇرا شەرق رايوننىڭ كۆپ خىللىقى رايون ھاياتىي كۈچىنىڭ مەنبەسى بولۇشى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ئەھۋالى ۋە مۇستەقىل تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قىلىپ، ئورتاق، ھەر تەرەپلىمە، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تەرەققىيات-ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، ھەر قايسى تەرەپلەر باشتىن-ئاخىر ھەمكارلىشىپ، پايدا كۆرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرنىڭ كەمكۇسلىرىنى تولۇقلاپ، گۈللىنىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئەمەل قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە جۇڭگونىڭ « ئىككى دۆلەت لايىھەسى » ۋە «ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى» نى ئاساس قىلىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قاتمال ھالەتتىن ئىمكانقەدەر تېزدىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى رولى چوڭ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ ، مۇنبەر قۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. ئالاقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ ئىدىيەسىنى تېخىمۇ يۇغۇرۇش لازىم. بىز يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، نىشانغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشايلى.

كۇۋەيتنىڭ ئەمىرى ساباھ، يىغىننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ رەئىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەر، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گايىت ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۇقىرى باھا بەردى، ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەرەب ئەللىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئەرەب ئەللىرى بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا كوللېكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو- ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇسنى قۇۋۋەتلەيمىز، ئەرەب ئەللىرى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»نىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونى ئىشەنچلىك شېرىكى دەپ قارايدۇ. ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتە ، ئەرەب ئەللىرى جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىسىتېراتىگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار قاتناشتى. دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، كۇۋەيتنىڭ ئەمىرى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى ، يىغىندا « بىر بەلباغ ، بىر يول »نى بىرلىكتە قۇرۇش، تىنچ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈش باش تېما قىلىندى . جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ۋە جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

U020180711356969454554.jpg
1123100748_1531140921811_title0h.jpg
1123101126_1531169467407_title0h.jpg