لى كېچياڭ ئامېرىكىلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى
0
2018-09-08 10:40:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭنەنخەيدە ئامېرىكا ئەكسون موبىل شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇدلۇن بىلەن كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىسىنىڭ ئېشىشىغىمۇ پايدىلىق. ھەرقايسى دۆلەتلەر سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. ئەكسون موبىل شىركىتىنىڭ جۇڭگونىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت خىمىيە تۈرىگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ، بازار قائىدىسى ۋە سودا پىرىنسىپى بويىچە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىدۇ، جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ،جۇڭگونى چەتئەل كارخانىلىرى قىزغىن مەبلەغ سالىدىغان زېمىنغا ئايلاندۇرىدۇ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوبيېكتىپ، ھەققانىي سادا چىقىرىپ، سىرتقى ساھەنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىياتىغا ئىجابىي ئاقلانە قارىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەكسون موبىل شىركىتى بۇ قېتىمقى زىيارەتتە جۇڭگو بىلەن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان نېفىت خىمىيە تۈرىنى گۇاڭدۇڭغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى كېڭەشتى، ۋۇدلۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى تەدبىرلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىمىز، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ئارقىلىق جۇڭگو ياسىمىچىلىقىغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز.

23232323.jpg
3333333333.jpg
1123374124_1535988883806_title0h.jpg
11111111.jpg
123123.jpg