شى جىنپىڭ موناكونىڭ دۆلەت باشلىقى، شاھزادە ئالبېرت ئىككىنچى بىلەن كۆرۈشتى
0
2018-09-08 10:46:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى خەلق سارىيىدا موناكونىڭ دۆلەت باشلىقى، شاھزادە ئالبېرت ئىككىنچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ ئالبېرت ئىككىنچى بىلەن موناكو خان جەمەتىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى جۇڭگو موناكو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ كەلگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتتى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: موناكو ئۆزگىچە سېھرى كۈچكە ئىگە، ئۇزاقتىن بېرى ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىدا ماڭدى، جۇڭگو بىلەن موناكونىڭ ئارىلىقى يىراق ، دۆلەت ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك پەرق بولسىمۇ ئەمما ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلىپ، چوڭ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئۆتۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، جۇڭگو ئىزچىل تۈردە: دۆلەتلەر مەيلى چوڭ كىچىك، باي كەمبەغەل، كۈچلۈك ئاجىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشاشلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى بار دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن موناكو يېقىن ئالاقىنى ساقلاپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى چۆرىدەپ، ئېكولوگىيە، مۇھىت ئاسراش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل تۆۋەن كاربون، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، داۋاملىق چوڭ كىچىك دۆلەتلەر دوستانە ئالاقە قىلىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك، سىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن جۇڭگونىڭ 2008-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىدىڭىز، بىز سىزنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

ئالبېرت ئىككىنچى جۇڭگونىڭ ئەمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ يەنە مېنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. بۇ مېنىڭ جۇڭگودا 10 -قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم، ھەر قېتىم جۇڭگوغا كەلگەندە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆرەلەيمەن. بۇ قېتىم مەن جىلىن ئۆلكىسىگە بېرىپ ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى ، شەرقىي شىمال يولۋىسىنى قوغداش قاتارلىق تۈرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم؛ جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مۇھىت ئاسراش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. موناكو جۇڭگو بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىدىن مەمنۇن، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىغا بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك تۆھپىسىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ ھەمدە پائال قوللايدۇ.جۇڭگو بىلەن ئۆز ئارا پايدا ئېلىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.مەن 2022-يىلى بېيجىڭ جاڭجياكودا ئۆتكۈزىلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايمەن ۋە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

شى جىنىڭ ئەمدىلا ئاياغلاشقان جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىش شېرىكلىشىش كۆپ مەنبەلىشىشنى قوللايدۇ، موناكونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئافرىقىنىڭ ئەبەدى تىنچ ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى بىرلىكتە قوللاشنى خالايدۇ.

يىغىندىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئالبىرت ئىككىنچىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى،ۋاڭ يى، قاتارلىقلار قاتناشتى.

1123397530_1536333595423_title0h.jpg
U020180908395071640120.jpg
U020180908391224285880.jpg
23232323.jpg
3333333333.jpg