شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى
0
2018-10-01 11:16:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

9-ئاينىڭ 30-كۈنى گوۋۇيۈەن خەلق سارىيىدا دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ،، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 1200دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ئەربابلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 69 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

خەلق سارىيىغا رەڭگارەڭ چىراغلار ئېسىلغان، رەڭگارەڭ خۇشپۇراق گۈللەر قويۇلغان،ھەممە يەردىن بايرام شادلىقى كەيپىياتى چىقىپ تۇراتتى، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستىدە ھەيۋەتلىك دۆلەت گىرىبى چاقناپ تۇراتتى، 1949-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە دېگەن چوڭ سان قىپقىزىل بايراقلار ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شوخ مۇزىكا ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈرقاراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

كۈتۈۋېلىش زىياپىتى باشلاندى، ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇندىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ يۇقۇرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆز قىلدى، ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىيادى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان خەلقئارادىكى بارلىق دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام تاشقىنلىق تارىخىي مۇساپىسى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى باشلاپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىك ئۇلۇغ مۇساپىسىدۇر. بۇ يىل كىرگەندىن بېرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، بىز پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى ۋە تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، نۇرغۇن تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەتەرنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادى ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشىشىنى ساقلىدۇق، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ياخشى ۋەزىيەت ياراتتۇق،، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتۇق، خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇملۇقىدا داۋاملىق بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى ساقلىدۇق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى، ئىسلاھات جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، تەرەققىيات جۇڭگونىڭ بارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان ئاساس ۋە ئاچقۇچ، ھەرقانداق بوران چاپقۇن ئۆزگىرىشلەر بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسى ئەھۋالىغا قارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچەپ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ باجنى ئازايتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرى ئۈچۈن بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىچىلار ۋە پەن تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چەكسىز ئىجادچانلىق كۈچىنى تېخىمۇ قوزغاپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەلىرىنىڭ ئالمىشىشىدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، قائىدە ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆز تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداپ، تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن تەڭ بەھرىلىنىش كېرەك. بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا پايدا ئېلىش كېرەك، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما تەقەززا بولۇۋاتقان، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ھەقىقىي تەدبىر بىلەن پائال جاۋاب قايتۇرۇش لازىم، خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇرەككەپ، قىيىن نۇقتىلارنى ھەر خىل ئامال چارىلەر بىلەن كۈچىنىڭ بارىچە ھەل قىلىش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سېلىنمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بىز بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم، شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش، ئاۋمېننى ئاۋمىنلىقلار ئىدارە قىلىشتەك يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسى قانۇن ۋە نېگىزلىق قانۇن بويىچە ئىش قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا سىڭىشىشىنى قوللايمىز، گۇاڭدوڭ شياڭگاڭ ئاۋمېن قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇمىز. تەيۋەن خىزمىتى ھەققىدىكى سىياسەت فاڭجېنلارنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا، 1992-يىلدىكى ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز، تەيۋەن مۇستەقىللىقى كۈچلىرىنىڭ ھەرقانداق بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستى ۋە ھەرىكىتىگە قەتئىي يول قويمايمىز، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش داۋامىدا بارلىق تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە كارخانىلارنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز. بىز تىنچلىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭىمىز، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرگە يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى كېڭىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان مەنپەئەت جىپسىلىشىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىشنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ ئىشلار بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى،،قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشىگە موھتاج، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۇختا قەدەم بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك، زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشايلى.

شاد خۇرام مۇزىكا ساداسى ئىچىدە جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مېھمانلار قەدەھلىرىنى كۆتۈرۈپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ گۈللەپ، قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت سائادىتى، ئامانلىقى، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ مەڭگۈ دوست ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلسى خەن جېڭ كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

كامبودژا پادىشاھى سىخامونىي تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى.

 

 

شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى
a09.jpg
a01.jpg