شى جىنپىڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى لورىنزو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
0
2018-10-10 16:51:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

شى جىنپىڭ لورىنزونىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىدىن، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلىشىپ بىر ئايدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى . شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ ، جۇڭگو ئافرىقا ، جۇڭگو - ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تىرىشىپ ، جۇڭگو - ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاكتىپ ، تېز تەرەققىي قىلىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن ئانگولا ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى كامىل.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تارىختىكى ئازابىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ ، ئافرىقا ئەللىرى خەلقىنىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ ، تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 8 ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئالاقىدار تەدبىرلەرنى بالدۇرراق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، « بىر بەلباغ ، بىر يول »نى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا يېڭى يارقىن نۇقتا بەرپا قىلىپ ، ئانگولانىڭ سانائەتلىشىش ۋە ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خادىملار ۋە يەرلىك ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ ئالاقىلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، جۇڭگو بىلەن ئانگولانىڭ مەدەنىيەتنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئەل رايىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك. خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئورتاق قوغداپ ، ئىجابىي ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىپ ، خەلقئارا تەرتىپىنىڭ تېخىمۇ ئادىل مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لورېنزو مۇنداق دېدى : ئانگولا بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلىغانلىقى ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى . ئۇزاقتىن بېرى، ئانگولا - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئانگولانىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. ئانگولا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئانگولانىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ . جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ، جۇڭگونىڭ پۈتكۈل ئافرىقا ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى . ئافرىقا دۆلەتلىرى ، جۇڭگونىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ ، ئەمەلىي تەدبىر قوللانغانلىقىغا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق سىياسىي شەرت قويمىغانلىقىغا، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويغان ھەمكارلىق پىلانى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى . ئانگولا، ئانگولا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . ئانگولا جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم تەسىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ، جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوينىغان ئىجابىي رولىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ . ئانگولا ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوللايدۇ، دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ بىرلىكتە بەلگىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كىيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالاشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا لورىنزونىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg
a01.jpg