لى كېچياڭ گېرمانىيە BMWگۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى بىلەن كۆرۈشتى
0
2018-10-11 15:50:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئامانگۈل ھېبىبۇللا

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە گېرمانىيە BMWگۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى كرۇگېر بىلەن كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. BMW شىركىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئەڭ يېڭى ھەمكارلىقى پات ئارىدا شېنياڭدا باشلىنىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل كەسپىدە چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش پاي نىسبىتى چەكلىمىسىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىنكى تۇنجى نەپ ئالغۇچى. بۇ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى تەدبىرىدە دېگىنىنى قىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ لەۋزىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېيىنكى قەدەمدە بىز سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەيىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرىمىز، جۇڭگو چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان جايغا داۋاملىق ھەمدە ئۇزاق مۇددەت ئايلىنىدۇ. بىز گېرمانىيە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشىنى قارشى ئالىمىز.

كرۇگېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو BMW شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى، بىز جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى ناھايىتى قەدىرلەيمىز، يېڭى زاۋۇتنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى خالايمىز.

1.jpg
00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg
a01.jpg