بۇ 2019-يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى جۇڭگو
0
2019-01-02 09:49:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

2019-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمى!

«ۋەتىنىم، سېنى سۆيىمەن!» سائەت 7 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا لەپىلدىگەندە، يىگىرمە مىڭ تىنچلىق كەپتىرى بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلىپ، ئامما قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.

سائەت 7 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەربىي دۇمباقنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ ئەگىشىپ، ھەربىي ئوركېستىر ئالدى بىلەن مەيدانغا كىردى.

سائەت 7 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، تيەنئەنمېن راۋىقىدا ھەربىي كاناي چېلىندى، سەككىز نەپەر ھەربىي كانايچى تيەنئەنمېن راۋىقىدا 20 سىكۇنتلۇق بايراق قوغداش مۇزىكىسى چالدى، 30 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى جىنشۈي كۆۋرۈكى بىلەن بايراق خادىسى ئارىسىدىكى يولدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ تىزىلدى.

سائەت 7 دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە، «ھۆرمەت قەدەم بىلەن مارش» دېگەن بۇيرۇق بىلەن بىلەن، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مىلتىقنى مۈرىسىگە قويۇپ، رەتلىك قەدەملىرى بىلەن بايراق خادىسىنىڭ يېنىغا كەلدى.

سائەت 7 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە، نەق مەيداندا ئېيتىلغان دۆلەت شېئىرى بىلەن، يېڭى يىلدىكى تۇنجى دۆلەت بايرىقى كۆتۈرۈلدى. نەق مەيداندىكى ئامما رەتلىك تىك تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.

بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ بىر تەرىپىدە يىگىرمە مىڭ تىنچلىق كەپتىرى قويۇپ بېرىلدى. نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. «ۋەتىنىم، سېنى سۆيىمەن!» «جۇڭگو، غەيرەت قىل!» كۆپچىلىك بەس-بەستە قولىدىكى كىچىك دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى.

بېيجىڭ، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى

شاڭخەي، تاڭ ساباسىدىكى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىدا، كېمىلەر ئۈزۈلمىگەن

سەنشا، شىشا تاقىم ئارىلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تاش ئابىدىسى

شېنجېن، ليەنخۇاشەن تېغىدىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرى

خېفېي، ياشانغان كىشىلەر باغچىدا تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلماقتا

چېڭدۇ، تازىلىق ئىشچىلىرى بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى

موخې، تاكسى شوپۇرى ئەتىگەندىلا ئىشقا چىقتى

مۇخبىرلار سەھەردىلا جايلاردا 2019-يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتتى.

توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو، گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە تولغان. ھەممىمىز تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتىمىز.. ھەممىمىز ئارزۇيىمىز ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار...

2019-يىلىدا، پۇرسەت كۆپ، رىقابەتمۇ كۆپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشايلى، بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى!

 

بۇ 2019-يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى جۇڭگو
a06.jpg
s13.jpg