ۋاڭ يى دىپلوماتىيە سىياسىتى، تاشقى مۇناسىۋەت ھەققىدە مۇنداق دېدى
0
2019-03-09 13:35:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە تاشقى مۇناسىۋىتى توغرىسىدا جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ۋاڭ يى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قەتئىي، توغرا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دىپلوماتىيەسى يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەيۋەتلىك تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 2018-يىلى مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى بېكىتىلىپ، يېڭى دەۋىرگە كىرگەن جۇڭگو دىپلوماتىيەسى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلىندى، شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى تۈرلۈك مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى.

2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم ئاساسلىق ساھىپخان دىپلوماتىيەسى، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلەيدۇ، رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ۋاڭ يى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىكى تەجرىبىلەرنى مۇنداق بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ-ھەمكارلىق ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، تىركىشىش ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ئۆزگەرمەس قائىدىدە چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى قوغدىشى زۆرۈر. كېڭىشىش، ھەمكارلىشىش، مۇقىملىق ئاساسىدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش، شۇنداقلا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر تەڭ تىرىشىدىغان يۆنىلىش بولۇشى كېرەك.

0.jpg
640.webp-(14).jpg
640.webp-(7).jpg
ۋاڭ يى دىپلوماتىيە سىياسىتى، تاشقى مۇناسىۋەت ھەققىدە مۇنداق دېدى
640.webp-(4).jpg