نۇر بەكرى پارتىيەدىن ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى
0
2019-03-17 10:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پاتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىنى قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

△ماتېرىيال سۈرەت

تەكشۈرىلىشىچە، نۇر بەكرى تەشكىلنىڭ تەكشۈرىشىگە قارشىلىق قىلىپ، تەشكىلىي سۆھبەتتە ئەينەن چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن؛ ئاچ كۆز، چىرىكلىك قىلىپ، جەمەت خاراكتېرلىك چىرىكلىشىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىق ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن، مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شائارىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت يۆتكىلىش، كارخانا تىجارىتى، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم قىلىپ، بىۋاسىتە ياكى تۇغقانلىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن قانۇنسىز ھالدا زور سوممىلىق مال-مۈلۈك ئالغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت باشقىلاردىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئالىي دەرىجىلىك پىكاپ، مەخسۇس شوپۇر قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان، ئېقىم بىلەن قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالىي دەرىجىلىك زىياپەت قوبۇل قىلغان، زور سوممىلىق سوۋغات، شېرىنكانە ئالغان؛ تۇرمۇشتا راھەت-پاراغەتكە، ھوزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلىپ، ئەخلاقتا بۇزۇلۇپ، ھوقۇق-سەتەڭ سودىسى قىلغان.

نۇر بەكرى غايە ۋە ئېتىقادىنى يوقاتقان، ئۇنىڭدا «تۆت ئاڭ» قىلچىمۇ يوق، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەن ۋە پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ھۇشىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، ھېيىقىشنى، ئەيمىنىشنى بىلمىگەن، خاراكتېرى ئىنتايىن يامان، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، نۇر بەكرىگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، چېتىشلىق مال-مۈلكى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

مەنبەسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى


本文来源:中央纪委国家监委网站

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg
222222.jpg
1124217133_1552228389892_title0h.jpg