چۈشۈپ كەتكەن ئېفىيوپىيە ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلىندى
0
2019-03-17 17:24:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئېفىيوپىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ كىنىيە پايتەختى نايروبىغا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 157 يولۇچىنىڭ بىرسىمۇ ھايات قالمىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەككىز جۇڭگو پۇقراسىمۇ بار ئىدى. 16-مارت، ئېفىئوپىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان فىرانسىيە خەلق ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈش-تەھلىل قىلىش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، "ھەيدەش بۆلمىسىدىكى ئاۋاز" خاتىرىلەنگەن قارا قۇتىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ھازىر ئۇتۇقلۇق ئېلىنىپتۇ، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ئالدىدىكى بەزى تەپسىلاتلارمۇ ئەمدى تەدرىجىي ئايدىڭلىشىدىكەن.

 

"ھەيدەش بۆلمىسىدىكى ئاۋازلار" خاتىرىلەنگەن قارا قۇتىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئۇتۇقلۇق ئېلىنغان

قارا قۇتا "ئۇچۇشقا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى" ۋە "ئۇچۇش بۆلمىسىدىكى ئاۋازلارنى خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى"نى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئايروپىلارغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق خاتىرىلىگۈچ. ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ ئىككى ئۈسكۈنىدە ساقلانغان سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ۋە يىشىش خىزمىتى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

فىرانسىيە خەلق ئاۋىئاتسىيەسى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈش-تەھلىل قىلىش ئىدارىسى 16-مارت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر بېرىپ، قارا قۇتىدىن ئېرىشكەن ئاۋاز ھۆججىتىنى ئېفىيوپىيە تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خادىملىرىغا يوللاپ بەردۇق، دېگەن.

ئېفىئوپىيە قاتناش مىنىستىرى موگىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ھەرقايسى تەرەپلەر پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىگە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ھەلەكچىلىكىدە ئىكەن، ئەمما بۇ جەريانغا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن.

چەتئەل تاراتقۇلىرى: ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا قاتتىق سىلكىنگەن، ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئاۋازىدىن قورقۇنچقا چۈشكەنلىكى مەلۇم

رېئۇتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 16-مارت بەرگەن خەۋىرىدە دېيىشىچە، ئېفىئوپىيە پايتەختى ئەددىس ئەبېبەدىن كەلگەن ئىسمى نامەلۇم بىر خەۋەر مەنبەسى مۇنداق دېگەن، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى بىلەن ئايرودۇرۇم ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئورنى ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋازلىق سۆزلىشىش خاتىرىسىدىن قارىغاندا، ئايروپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇچقۇچى قوماندانلىق مۇنارىغا دوكلات بېرىپ، ئايروپىلاندا كونتروللۇقنى يوقىتىش مەسىلىسى كۆرۈلدى دېگەن ھەمدە تېز سۈرئەتتە دېڭىز يۈزىدىن 4620 مېتىر ئېگىزلىككە ئۆرلەشكە يوليورۇق سورىغان، ئارقىدىنلا ئايرودۇرۇمغا جىددىي قايتىشنى تەلەپ قىلغان. ئايروپىلان دېڭىز يۈزىدىن 3300 مېتىر ئېگىزلىككە يەتكەندە، رادار ئېكرانىدىن غايىپ بولغان. سۆزلىشىش خاتىرىسىدىن قارىغاندا، ئۇچقۇچىنىڭ ئاۋازىدىن قاتتىق ساراسمىگە چۈشكەنلىكى مەلۇم ئىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، "ئامېرىكا ۋاقىت گېزىتى" بىر خەۋىرىدە ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئەپەندىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن 60 نەچچە مېتىرچە ئارىلىقتا يوقىرى-تۆۋەن سىلكىنگەن، ئايروپىلان باشلىقى ئايرودۇرۇمنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئورنى بىلەن ئالاقىلەشكەندە، "ئۈزۈۋەت، ئۈزۈۋەت، جىددىي قايتىشنى سورايمىز!" دەپ ۋارقىرىغان. ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ قاتتىق ساراسمىگە چۈشكەنلىكى ئېنىق چىقىپ تۇرىدىكەن. "ئۈزۈۋېتىش" ئۇچقۇچىلىق بىلىمىگە ئائىت ئاتالغۇ بولۇپ، ئادەتتە سۆزلىشىش مۇھىتى بىر قەدەر ۋاراڭ-چۇرۇڭ ھەم جىددىي ھالەتتە، قوبۇل قىلغۇچى تەرەپكە ئالدىن بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدىكەن. كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ بۇيرۇق بەرگۈچىنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئەھۋالغا يولۇققانلىقى سەۋەبىدىن بولىدىكەن.

ئايرودۇرۇمنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئورنى بىنورماللىقىنى سەزگەندىن كېيىن، دەررۇ ئايرودورومغا قۇنۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باشقا ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن ئالاقىلىشىپ، نۆۋەتتىكى ئۇچۇش ئىگىزلىكىنى ساقلاپ قۇنۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، ئارقىدىن ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانىنىڭ ئايرودۇرۇمغا قايتىشىغا ئىجازەت بەرگەن. ئەمما ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتكەندە، بۇ ئايروپىلان رادار ئىكرانىدىن غايىپ بولغان ھەم يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ بىراقلا ئۈزۈلگەن.

ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ جەسىتىنى DNA تەكشۈرۈشى ئارقىلىق بېكىتىش خىزمىتى يېرىم يىل داۋام قىلىدىكەن

نۆۋەتتە، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن 157 نەپەر يولۇچىنىڭ جەسىتىنى DNA تەكشۈرۈشى ئارقىلىق بېكىتىش خىزمىتى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ خىزمەت ئالتە ئايغا يېقىن ۋاقىت داۋام قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ باش ئىجرائىي ئەمەلدارى تېۋولد گابرىمارىئام، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەن چاغدىكى ئۇرۇلۇش كۈچى غايەت چوڭ بولغاچقا، نۆۋەتتە جەسەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش خىزمىتى ناھايىتى قىيىن بولۇۋاتىدۇ، دېگەن.

 

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg
222222.jpg
1124217133_1552228389892_title0h.jpg