ۋەكىل: يانفون ئوغرىسىغا ئون يىللىق قاماق جازاسى بېرىش كېرەك
0
2019-03-17 17:29:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گېلى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى دوڭ مىڭجۇ يېقىندا: «يانفون ئوغرىلىغانلارنى ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، تېپىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەنلەرنى بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك» دېگەن تەكلىپنى بەردى. بۇ تورداشلارنىڭ بەس مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

دوڭ مىڭجۇ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە: «قانۇن تۇرغۇزۇپ، يانفون ئوغرىلىغانلارنىڭ، تېپىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك» دېگەن تەكلىپنى بەردى. ئۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىر يانفون بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىگە ئايلاندى، يانفوننىڭ ئىقتىدارىمۇ كۆپ، بولۇپمۇ كۆپىنچىمىزنىڭ يانفونىغا بانكا كارتىسى باغلانغان، شۇڭا يانفوننى تېپىۋالغانلار چوقۇم شەرتسىز قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك».

دوڭ مىڭجۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئوغرىلىغانلارنى ئون يىللىق قاماق جازاسىغا، تېپىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەنلەرنى بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندا، جەمئىيەت تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ، بىز قانۇن تۇرغۇزۇش ياكى تۈزۈم قۇرۇش ئارقىلىق، كۆپچىلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك».

تورداشلار توردا ھەرخىل ئىنكاستا بولدى. بىر تورداش مۇنداق دېدى: «ھازىرقىدەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەۋردە، يانفون بىزنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئۇنىڭ قىممىتىنى بەزىدە مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ، يانفون ئوغرىلىرى ئاخىرىدا ئۇنى پەقەت ئەرزان باھادا باشقىلارغا ساتىدۇ، لېكىن يانفوننىڭ ئىگىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن».

يەنە بىر تورداش مۇنداق دېدى: «دوڭ مىڭجۇ خانىمنىڭ ئىدىيەسى ھەقىقەتەن ئىلغار ئىكەن، چۈنكى يانفون ھازىر پەقەت ئاددىيلا ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى ئەمەس، ئۇنىڭغا كىملىك، بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار توپلانغان، لېكىن قانچە يىل جازاغا ھۆكۈم قىلىشتا، بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ».

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg
222222.jpg