شى جىنپىڭ خارۋارد داشۆسىنىڭ مۇدىرى باكوۋ بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-03-21 17:11:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئامېرىكا خارۋارد داشۆسىنىڭ مۇدىرى باكوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ باكوۋنىڭ خارۋارد داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىدە جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى تەرىپلەپ: بۇ مەكتەپ مۇدىرى باكوۋنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاشقا پايدىلىق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، چەتئەللەر ئوقۇپ دۆلەتكە قايتقان نۇرغۇن ئىختىساسلىقلار جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، بىز ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىلھام بېرىپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى قوللاپ كەلدۇق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىدا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن ئارگېنتىنادا ئۇچراشقاندا، ئۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى زور دەرىجىدىن مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ ئاشقانلىقىدىن بولدى. جۇڭگو مائارىپنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش، مائارىپ جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. بىز مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ جەرياندا، بىز خارۋارد داشۆسى قاتارلىق ئامېرىكىدىكى مائارىپ، پەن-تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايمىز.

باكوۋ شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن خارۋاد داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىمدە جۇڭگوغا كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتتە پەقەت خارۋارد داشۆسىنىڭ مۇدىرلىق سالاھىيىتى بىلەنلا ئەمەس يەنە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ۋاكالىتەن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ قاتارلىق مائارىپ، مەدەنىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ساقلىشى، چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. خارۋارد داشۆسىدا نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدۇ، خەنزۇ تىلىنىڭ چەتئەل تىللىرى ئىچىدە ئومۇملىشىش نىسبىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، خارۋارد داشۆسى جۇڭگودىكى مائارىپ، پەن-تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg