شى جىنپىڭ ئىتالىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى
0
2019-03-22 10:51:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ21- كۈنى، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن رىمغا يېتىپ بېرىپ، ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئىتالىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، ئىتالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئايروپىلانى كۆككە كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ ئۇچتى. شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت ئالتە يېرىملاردىن ئۆتكەندە، مەخسۇس ئايروپىلان رىم فىئۇمىتسىنو ئايرودۇرۇمىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىقتى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى سالام بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئىتالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قىزىل پاياندازنى بويلاپ ئالدىغا ماڭدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 49 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋاقىت ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، بىر بىرگە ئىشىنىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي پايدا ئېلىپ كەلدى. ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى بېيىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ ماتتارېللا، زۇڭلى كونتى قاتارلىق ئىتالىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ۋە كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈشنى كۈتمەكتىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى رۇييۈمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ ئىتالىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەنە موناكو بىلەن فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

111111111111.jpg