دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن رىمدا ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن سۆھبەتلەشتى
0
2019-03-24 11:03:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر، ئىلنۇرە

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن رىمدا ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ مىڭ يىللىق ئالاقىسىنىڭ تارىخى تىندىرمىسدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، چوڭقۇر ئەلرايى ئاساسىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراققا نەزەر سېلىش نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، بۇ يىلقى جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ۋە كېلەر يىلقى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسى بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ تەرەققىيات نىشانى ماس كېلىدۇ، ئىقتىساد جەھەتتە ئۆز-ئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسى ئاساسىنى پۇختىلاپ، يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تارماقلار، ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ سۆزلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھىرلىنىشتە چىڭ تۇرىمىز، ئېچىۋېتىش، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىمىز، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىتالىيەنىڭ «شىمالى پورت قۇرۇلۇشى»، «ئىتالىيەگە مەبلەغ سېلىش پىلانى» بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەنپەئەت بېرىكىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بوشلۇق پەن-تېخنىكىسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قاتناش، مۇھىت، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئالدىن ساھەلەردە بالدۇرراق تېخىمۇ كۆپ نەتىجە ھاسىل قىلىشى كېرەك. ماكرولۇق ئىقتىسادى سىياسەت جەھەتتىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە 3-تەرەپ بازىرى ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 2020-يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا مەدەنىيەت، ساياھەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا مىراسى جايلىرىنىڭ دوستلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇزېي، يەرلىكلەر، ئەلئارا، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلاردا ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كۆپتەرەپچىلىكنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرىدۇ، ئىتالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. بىزمۇ جۇڭگو كارخانىلىرى بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئىتالىيەدە مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىمىز، ئىتالىيەنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم شېرىكىمىز، دەپ قارايمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سودا پرىنسىپى ۋە خەلقئارا قائىدە بويىچە، شۇ يەرنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلغان ئاساستا چەتئەللەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىزچىل مەدەت بېرىپ كەلدى. ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارغا داۋاملىق ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۇنيا تىنچلىقىنى بەرپا قىلغۇچىلار، يەر شارى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچىلار، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچىلار. ئىككى تەرەپ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىتالىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەقىل ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كونتې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئىتالىيەدىكى زىيارىتى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە جەزمەن يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئالاقىلىشىش تارىخىغا ئىگە، ئىككى قەدىمىي مەدەنىيەت ئۆز ئارا گىرەلەشكەن، ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق مۈددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇھىم ئاساس سالغان. ئىتالىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، يېزا-ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىتالىيە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، بىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» نى تەڭ بەرپا قىلىشقا قاتناشقانلىقىمىزدىن خۇشالمىز. بۇنىڭ ئىتالىيە جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ چىقىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمىز. مەن 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى كۈتمەكتىمەن، ئىتالىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىتالىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىتالىيە كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى، جۇڭگونىڭ يوقاپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاش ۋە ئالماشتۇرۇشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئىتالىيە تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ۋە قايتۇرۇپ بەرگەن جۇڭگونىڭ يوقاپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بىرلىكتە ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا، زۇڭلى كونتې ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا ئۇنى كۈتۈۋالدى. ھەربىي ئوركىستىر جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھۆرمەت قاراۋۇلىنى بىرلىكتە كۆزدىن كەچۈردى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

1111111.jpg
1111111111111.jpg