شى جىنپىڭ موناكو شاھزادىسى ئالبېرد ئىككىنچى بىلەن سۆھبەتلەشتى
0
2019-03-25 11:05:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن موناكو شاھزادىسى ئالبېرد ئىككىنچى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شاھزادا ئالىيلىرىنىڭ مېنى موناكو كىنەزلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت. بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم موناكودا زىيارەتتە بولۇشى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغان مىللىي خاراكتېرى ۋە ئورتاق مەنىۋى ئىنتىلىشى بىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. جۇڭگو بىلەن موناكو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن ئاخىرى سەمىمىي، دوستانە بولۇپ، بىر-بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. ھازىر، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلماقتا، ئەمەلىي ھەمكارلىقى دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىمەكتە، بولۇپمۇ مۇھىت ئاسراش، تېلېگراف، كۆچمە چىقىم قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن موناكو مۇناسىۋىتى يەر كۆلىمى، تارىخىي مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشىمايدىغان ئەللەرنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاھزادە ئالىيلىرى ئىككىمىز يېرىم يىل ئىچىدە ئۆز ئارا زىيارەتتە بولدۇق، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋە سىياسىي ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ئالاقە قىلىپ ماسلىشىش، بىر-بىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىشى؛ ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو موناكونىڭ بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو شاھزادە فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگودا مۇھىت ئاسراش پاراۋانلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىنى قارشى ئالىدۇ.

شاھزادە ئالبېرت ئىككىنچى موناكو خان جەمەتى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موناكودا تارىخىي زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شاھزدا ئالبېرت ئىككىنچى مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، مەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. موناكو بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. موناكو جۇڭگو بىلەن پەن-تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، تىرىلمە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، موناكو جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خەلقئارا ئىشلاردا ئوينىغان مۇھىم رولىنى ناھايىتى قۇۋۋەتلەيدۇ، جۇڭگونىڭ كېلەر يىلقى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىق ئەھدىنامىسى»نى 15-قېتىم ئىمزالاش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشىنى قوللايدۇ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىنى قوللايدۇ ۋە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ، موناكو بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شاھزادە ئالبېرت ئىككىنچى شى جىنپىڭ شەرىپىگە داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئولتۇرغان ئاپتوموبىل خان سارىيىنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، شاھزادە ئالبېرت ئىككىنچى ۋە رەپىقىسى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ھەربىي ئوركېستىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئارقىدىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نىڭ رەپىقىلىرى پارات كۆردى. شى جىنپىڭ موناكونىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، شاھزادە ئالبېرت ئىككىنچى جۇڭگو تەرەپنىڭ خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

1124274012_15533587057731n.jpg
1111111.jpg
1111111111111.jpg