لى كېچياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2019-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى
0
2019-03-29 15:38:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەينەننىڭ بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2019-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى. 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي، سودا، ئىلىم ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى-ئاسىيا، ھەتتا دۇنيادا تەسىرگە ئىگە يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش سەھنىسىگە ئايلاندى. بۇلتۇر، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى. «ئورتاق تەقدىر، بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىش، ئورتاق تەرەققىيات»-بۇ يىللىق يىغىننىڭ باش تېمىسى بولدى. مەن يىغىننىڭ ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى قاتارلىق ئورتاق خىرىسلار ئالدىدا، ھېچقايسى دۆلەت ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر پۇرسەتنى بىرلىكتە چىڭ تۇتۇپ، خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنىڭ قوش ئۇتۇق قازىنىش، كۆپ ئۇتۇق قازىنىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، قائىدە ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. ھەر قايسى تەرەپلەر تىنچ تەرەققىياتنىڭ چوڭ مۇھىتىنى ماسلىشىپ قوغداپ، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىرتقا ئېچىۋېتىش-جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى. چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنى-جۇڭگونىڭ قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. بىز ئالاقىدار يۈرۈشلۈك نىزاملارنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويىمىز. بىز چەتئەل مەبلىغى بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ بوشىتىپ، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە قوشۇلغان پاسسىپ تىزىملىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. بىز پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز. بىز دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز. بىز شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە قارىتىلغان مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايمىز. بىز يەنە سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرىمىز، بۇ يىل تاموژنىدىن ئۆتۈش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.

لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ھەرىكىتىدە بىر قىسىم ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، بازار كۆزلىمىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىمۇ كۆپەيدى. بىز ئىستراتېگىيە كۈچىنى ساقلاپ، «ئۇلۇغ سۇ بىلەن باستۇرۇپ سۇغىرىش» شەكلىدىكى كۈچلۈك قوزغىتىش سىياسىتىنى يولغا قويمايمىز، يايما يايىدىغان، يىرىك ئاشۇرىدىغان كونا يولدا ماڭمايمىز، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا قەتئىي تەۋرەنمەي تايىنىپ، كەڭ كۆلەملىك باجنى ئازايتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى نەقلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىنى ساقلاپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئۇزۇن مۇددەت ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمىز.

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى بان كىمون قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. لائوس زۇڭلىسى توڭلۈن، كورىيە زۇڭلىسى لى ناكيون، ليۇكسېمبۇرگنىڭ باش ۋەزىرى بېتتېل، سانتومى ۋە پىرىنسىپى زۇڭلىسى جېسۇس ھەم سودا-سانائەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى.

未标题-1.jpg
لى كېچياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2019-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى
640.webp-(14).jpg
0.jpg
1124275911_15534497154291n.jpg