شىنجاڭدىكى سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرى تەڭشەلدى
0
2019-04-01 18:41:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شىنجاڭ سوت مەھكىمىسى تورىدىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى رەھبەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش» بېتى يېقىندا يېڭىلانغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، ما گوۋېي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ما گوۋېي، 1959-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، ئۇزۇن مەزگىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان، 2015-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى، 2018-يىلى 1-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

قىسقىچە تەرجىمىھالى

ما گوۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1959-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، سەنشى يۈنچېڭدىن، 1977-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1980-يىلى 8-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار سىرتتىن ئوقۇش سىنىپىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1977-يىلى 9-ئايدىن 1978-يىلى 11-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇرچىن ناھىيەسى قىزىلبايراق گۇڭشىسىغا زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن؛

1978-يىلى 11-ئايدىن 1984-يىلى 3-ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى، بىرىنچى ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ كاتىپى بولغان ( ئارىلىقتا: 1983-يىلى 3-ئايدىن 1984-يىلى 3-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئوت ئۆچۈرۈش باشقارمىسى تەلىم-تەربىيە ئەترىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە كەسپى تايانچلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقىغان)؛

1984-يىلى 3-ئايدىن 1990-يىلى 8-ئايغىچە، قوراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتى ئۈرۈمچى تارماق ئەترىتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ پەي دەرىجىلىك، مۇئاۋىن ليەن دەرىجىلىك كادىرى بولغان (ئارىلىقتا: 1987-يىلى 7-ئايدىن 1989-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان)؛

1990-يىلى 8-ئايدىن 1994-يىلى 4-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى كادىرلار ئىشخانىسىنىڭ كادىرى، مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك كادىرى، مۇدىر دەرىجىلىك كادىرى بولغان؛

1994-يىلى 4-ئايدىن 1998-يىلى 8-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى) كادىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

1998-يىلى 8-ئايدىن 2001-يىلى 5-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى) كادىرلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (باشقارما دەرىجىلىك) بولغان؛ (1996-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار سىرتتىن ئوقۇش سىنىپىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان؛

1999-يىلى 1-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە، سۇجۇ داشۆسى قانۇن شۆيۈەنى ئىقتىساد مەمۇرى قانۇن كەسپى ئاسپرانتلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛

2001-يىلى 5-ئايدىن 2004-يىلى 2-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى) ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرى تەپتىش بىرىنچى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (باشقارما دەرىجىلىك) بولغان؛

2004-يىلى 2-ئايدىن 2007-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى) ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرى تەپتىش بىرىنچى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) بولغان؛

2007-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 6-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى)، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرى تەپتىش بىرىنچى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

2008-يىلى 6-ئايدىن 2011-يىلى 10-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولغان (ئارىلىقتا: 2008-يىلى 9-ئايدىن 2009-يىلى 1-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

2011-يىلى 10-ئايدىن 2011-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولغان؛

2011-يىلى 12-ئايدىن 2015-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

2015-يىلى 12-ئايدىن 2018-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

2018-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن؛

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى.


شىنجاڭ سوت مەھكىمىسى تورىدىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى رەھبەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش» بېتى يېقىندا يېڭىلانغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، پۇ شىيۈ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن.

ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، پۇ شىيۈ بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

پۇ شىيۈنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

پۇ شىيۈ، ئەر، خەنزۇ، 1986-يىلى 12-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. (مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش شۆيۈەنىنىڭ چەتئەل ئىقتىسادى كەسپى)

ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ تەيىنلەندى.

未标题-1.jpg
640.webp-(14).jpg
0.jpg
شىنجاڭدىكى سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرى تەڭشەلدى
1124275911_15534497154291n.jpg