خەۋەر! مۇخبىرلىرىمىز كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزىدە
0
2019-04-01 18:48:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شىنجاڭنىڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش ئىشلىرىغا نەزەر، كۇرسانتلارنىڭ ئوخشىمىغان تۇرمۇشىدىن بايان

ئۇيغۇرچە مىكرو ۋىدېيو «يېڭى باشلىنىش» 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئۈندىدار سۇپىمىزدا تارقىتىلىدۇ

بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭ رايونى ئۈچ خىل كۈچنىڭ قاتمۇ-قات تەسىرىگە ئۇچراپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىپ، پۈتۈن رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، «بىر قولدا زەربە بېرىش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تەسىس قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي تېخنىكا ئۆگىتىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان دەرسلەر ئارقىلىق، يېنىك جىنايى قىلمىشى ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بار كىشىلەرنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ بەردى.

مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركەز رادىيوسى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىسى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، ئالاھىدە ئىشلەنگەن ئىجادىي يۈرۈشلۈك مىكرو ۋىدېيو «يېڭى باشلىنىش»نى تارقىتىدۇ، ئىستانسىمىز ئۇيغۇرچە پىروگراممىسىنىڭ مۇخبىرلىرى كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە بېرىپ، كۇرسانتلارنى نەق مەيداندا ئۇيغۇرچە زىيارەت قىلدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە رادىيوسىمۇ شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22 يېرىمدىكى «جۇڭگوغا نەزەر» پىروگراممىسىدا تەڭ قەدەمدە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىتىدۇ، ۋاقتىدا دىققەت قىلغايسىلەر!

a03.jpg
640.webp-(14).jpg
خەۋەر! مۇخبىرلىرىمىز كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزىدە
未标题-1.jpg
0.jpg