رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى جىددىي قونغاندىن كېيىن ئوت كېتىپ 41 ئادەم قازا قىلدى
0
2019-05-06 14:50:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

رۇسىيە ھۆكۈمەت ئورگىنى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى موسكىۋا شېرېمېتېۋو ئايرودرومىغا مەجبۇرىي قونغاندىن كېيىن كۆيۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا 78 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 41 ئادەم قازا قىلغان، 37 ئادەم ھايات قالغان.

 رۇسىيە فېدېراتسىيە تەھقىقلەش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى پېتېر ليەنكو 5-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى شېرېمېتېۋو ئايرودرومىغا مەجبۇرىي قونغاندىن كېيىن كۆيۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا 78 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 37 ئادەم ھايات قالغان. ئارقىدىن موسكۋا رايون ھالقىغان تىرانسپورت تەكشۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ماركوۋسكايا تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئايروپىلاندا 41 ئادەم قازا قىلدى. رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكى بەش خادىمنىڭ تۆتى بالا - قازادىن ئامان قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئايروپىلان باشلىقى بار ئىكەن.

جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، ۋەقە يۈز بەرگەن ئايروپىلاندا جۇڭگو پۇقراسى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى.

 رۇسىيە فېدراتسىيە تەھقىقلەش كومىتېتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئورگان شېرېمېدېۋو ئايرودرومىغا جىنايى ئىشلار رازۋېدكا خادىملىرىنى ئەۋەتىپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈردى ھەمدە يارىلانغانلار، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، ئايرودروم خىزمەتچىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ، ھادىسە پەيدا قىلغان تۈرلۈك ئامىللارنى تەھلىل قىلدى. فېدېراتسىيە تەھقىقلەش كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك تەتقىقات ئورنىدا دەلىل - ئىسپات بولغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش يەكۈنىنى ئېلان قىلىدۇ.

 شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى موسكۋادىكى شېرېمېتېۋو ئايرودرومىغا جىددىي قونغاندىن كېيىن شىددەت بىلەن كۆيۈپ 41 ئادەم قازا قىلدى. خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئايروپىلان قونغاندىن كېيىن بىر قىسىم يولۇچىلار مال- مۈلۈكنى قۇتقۇزۇش، يۈك-تاقلارنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ، باشقا يولۇچىلارنىڭ چېكىنىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن .

ئىگىلىنىشىچە، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلان رۇسىيە خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە قاراشلىق سۇخوي دەرىجىدىن تاشقىرى 100 تىپلىق ئايروپىلان بولۇپ، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 17 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋادىن مورمانسكقا ئۇچۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي جىددىي قونۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى سۈرەتكە ئالغان ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلان جىددىي قونغاندىن كېيىن، ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ئارقا قىسمىنى تېزلىكتە ئوت يالقۇنى يۇتۇپ كەتكەن، ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ئالدى ئىككى تەرىپىدىكى قېچىپ قۇتۇلۇش شوتىسى ئېچىلغان، بىر قىسىم يولۇچىلار ئوت مەيدانىدىن قېچىپ چىققان.

未标题-1.jpg
F201905081556338096702488.jpg