ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەن كۆك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى
0
2019-05-08 16:03:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەن كۆك نامراتلىق بىلەن خوشلاشتى، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىدىكى خەلق ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدىكى يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ نامرات رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەردىن پۈتۈن زېھنى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 2-ئايدا، ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەنگە بېرىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىدىكى خەلقنى يوقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى ھەم كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى خەلقنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. يەنئەن تۈنۈگۈن كۆك نامراتلىق بىلەن خوشلىشىپ، بۇ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىدىكى ئىككى مىليون 260 مىڭ خەلقنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدىكى يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ماكانلىشىش نۇقتىسى شۇنداقلا پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىنى باشلاپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغانلىقىنىڭ ئالدىنقى سېپى، يېڭى جۇڭگوغا قاراپ يول ئالغانلىقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. لېكىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بولۇش، ئۇل ئەسلىھەلىرى كەينىدە قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نامراتلىق، قالاقلىق-شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىنىڭ بىر بەلگىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 2-ئايدا، يەنئەندە شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى ۋە كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى خەلق پارتىيەمىز رەھبەرلىك قىلغان جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۈچۈن زور قۇربانلىقلارنى بەرگەن ھەم تۆھپە قوشقان، بىز بۇنى مەڭگۈ قەدىرلىشىمىز ھەم مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسە، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇكەممەل بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش-يەتمەسلىكتە يۇرتداشلارغا قاراش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى نامرات نوپۇسنى چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ بېيىتىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى خەلقنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش لازىم. بۇ-پارتىيەمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى-كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىدىكى خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئېسىل تەدبىر، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى شۇنداقلا يەنئەنلىكلەرنىڭ نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

يەنئەننىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېدىرلىق، جىلغىلارنى ئاساس قىلىدۇ، ئالدىنقى ئەسىردىكى ئۇدا نەچچە يىل قالايمىقان بوز يەر ئېچىش، قالايمىقان چارۋا بېقىش، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يەنئەننىڭ ئېكولوگىيەسى خاراب بولۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىپ، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىرلىشىپ، بىر مەھەل «بوز يەر ئاچقانسېرى چۆللىشىش، چۆللەشكەنسېرى نامراتلىشىش، نامراتلاشقانسېرى بوز يەر ئېچىش»تىن ئىبارەت يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا چۈشۈپ قالغان ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاجىز بولۇشى-كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىنىڭ تەرەققىياتىدىكى روشەن چەكلىمە دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، يەنئەندىكى كادىرلار ۋە ئامما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېرىلغۇدىن ئورمان قايتۇرۇش، قاقاس تاغلارنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىشلىدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنئەننىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %81.3 كە يەتتى، يەنئەن شەھەرلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تۇڭ شياۋلىن ھازىر بۇ يەردە بىر قەدەر چوڭ سېرىق توپىلىق دۆڭلۈكلەرنى ئىزدەپمۇ تاپالمايسىز، ھەممە يەر يېشىللىق بىلەن قاپلاندى دېدى.

بۇرۇنقى تەبىئەتكە تايىنىپ جان بېقىشتىن ھازىرقى يېشىللىق سىمفونىيەسىگىچە، تېرىلغۇ ئورمانغا قايتۇرۇش-نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سىگنالىنى چالدى، يەنئەنلىكلەر «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ-قىممەتلىق بايلىق» دېگەن يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمەكتە.

خۇاڭلىڭ ناھىيەسىدە، ئېكولوگىيە ساياھىتى-شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندى. ئۆز قورۇسىدا توخۇلارغا دان چېچىۋاتقان ئەنگۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ليۇ گۇڭمىننىڭ كىچىك ۋاقتىدا يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتى ئاجىز بولۇپ قالغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلالماي، كەنتتىكى نامرات ئائىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئالدىنقى يىلى كەنتتىكى كوپىراتىپ ۋىۋىسكا ئېسىپ، زامانىۋى سەيلە يېزا ئىگىلىكى ئارام ساياھىتىنى كەسىپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا بېيىش ئۈمىدى ئاتا قىلدى. ليۇ گۇڭمىن مەن 2017-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پاي قوشقان دېدى، مۇخبىر سىز پايغا نېمىلەرنى قوشتىڭىز دەپ سورىغاندا، ئۇ ئون مو يەر ۋە نوپۇسنى پاي قوشقان دېدى.

كەنتنى ھۆددىگە ئالغان كادىر لياڭ خاۋ مۇنداق دېدى: پۈتۈن كەنتتىكى 162 كىشىنىڭ ھەممىسى كوپېراتىپقا كىردى، ھەممە ئائىلىلەر يېرىنى، نوپۇسىنى، مېۋىلىك دەرىخى قاتارلىقلارنى پايغا قوشسا بولىدۇ، تىجارەت پايدىسى ھەر يىلى ئادەملەرگە تەقسىم قىلىنىدۇ. سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىققان ياشلار كەنتنىڭ ياخشى ئىستىقبالىنى كۆرۈپ، يۇرتقا قايتىشقا باشلىدى.

لياڭ خاۋ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزنىڭ تەرەققىيات پىلانى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بەزى ياشلار قايتىپ كەلدى. ئۇلار ھەم تىجارەتتىن كىرىم قىلالايدۇ ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، شۇڭا ئۇلار قايتىپ كېلىشنى بەك خالايدۇ.

قاتناش ئەسلىھەسى قالاق بولغاچقا، ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشى قولايسىز ئىدى، بۇ ھەم ئىلگىرى يەنئەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان توسالغۇ بولغان ئىدى. كونىلاردا باي بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يول ياساش كېرەك دېگەن گەپ بار. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يەنئەن شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت قاتناش ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇردى. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىدا قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول يېزىلارغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى بويلىغان تاشيولنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى ئاچتى. ماشىنا-ماشىنا ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تاغ ئىچكىرىسىدىن سىرتلارغا توشۇلدى، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم ساياھەتچى تاغ سىرتىدىن تاغ ئىچكىرىسىگە كىردى. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، بوئېن 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە ئايروباس A320 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى قونالايدىغان ۋە ئۇچالايدىغان يەنئەن نەننىۋەن ئايرودرومىمۇ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يەنئەنلىكلەر بۇ يەردىن مەملىكىتىمىزدىكى 16 شەھەرگە ئۇچالايدۇ، يەنئەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى ماتورغا ئىگە بولدى.

يەنئەن شەھىرىنىڭ باشلىقى شۆ جەنخەي مۇنداق دېدى: بىز غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى شەھىرى قۇرۇشنى چۆرىدەپ بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى پىلانلاپ، سىتېرېئولۇق قاتناش تورىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كونا ئىنقلابى تايانچ بازا رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى قالاق بولۇش ئەھۋالىنى ئۈزۈل-كېسىل ياخشىلىدۇق.

يەنئەن روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەنئەن خەلقى غەيرەت بىلەن ئىشلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتەك تارىخىي پەيتنى ئاخىرى كۈتۈۋالدى. ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈش، ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ سىياسەت يۈرگۈزۈش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاخىرىغىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش پۇختا، كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە يەنئەندە نامراتلىشىش نىسبىتى 2015–يىلىدىكى %13.2 تىن %0.66 كە تۆۋەنلىدى. 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت: يەنئەن شەھىرىنىڭ يەنچۇەن، يىچۇەن ناھىيىلىرى نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىندى، كونا ئىنقىلابى تايانچ بازا رايونىدىكى 195 مىڭ كىشى كۆك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، دەپ جاكارلىدى. بۇ ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەندىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شۆ جەنخەي مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، يەنئەن داۋاملىق غەيرەتكە كېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، 2020-يىلغىچە يەنئەننىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: يەنئەننىڭ پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى نەچچە ئەۋلاد يەنئەنلىكلەرنىڭ پىلاننى تولۇق تاماملىشى، كۈچ قوشۇپ ئىشلىشىدىن كەلگەن، ئۇلار قان تەرى بىلەن «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئىنقىلابىي قۇربانلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ، كونا ئىنقىلابى تايانچ بازا رايون خەلقىگە بەخت يارىتىمىز.

未标题-1.jpg
F201905081556338096702488.jpg