ئوت كېتىپ 41 ئادەم قازا قىلغان رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى ھەققىدە
0
2019-05-08 17:00:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

رۇسىيەنىڭ موسكۋادا يۈز بەرگەن بوشلۇق ئاۋارىيەسىدە نۆۋەتتە 41 ئادەم قازا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە ئاۋىياتسىيە كەسپىگە نىسبەتەن قاراڭغۇ بىر كۈن بولدى. بۇ قېتىم ۋەقە چىققان ئايروپىلاننىڭ تىپىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5-ماي موسكۋادىن مۇرمونسكىيغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچقىنى سۇكخوي دەرىجىدىن تاشقىرى 100 تىپلىق رېئاكتىپ ئايروپىلان (Sukhoi SuperJet-100) ئىكەن.

بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى قونغاندا ئىككىنچى قېتىم يەرگە چۈشكەندە ئوت كەتكەن، ئەينى چاغدا ھاۋارايى ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئىككى قېتىم سىنىغاندىن كېيىن ئاندىن ئوڭۇشلۇق قونغان.

قونغاندا ئايروپىلان چاقىنىڭ جازىسى سۇنۇپ كەتكەن، ماتورغا ئوت كەتكەن. يولۇچىلار سىيرىلما پەلەمپەي ئارقىلىق قېچىپ چۈشكەن، كۈچلۈك ئوت ئايروپىلاننىڭ يېرىمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.

رۇسىيە تەكشۈرۈش ھەيئىتى موسكۋا رايونلۇق قاتناش تەكشۈرۈش ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئالىي ياردەمچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقەدە 41 ئادەم قازا قىلغان.

ئۇنداقتا، بۇ ئايروپىلان قانداقراق ئايروپىلان ئىدى؟ تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «SSJ-100» تارماق لىنىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنى رۇسىيە سۇكخوي شىركىتىنىڭ بالا شىركىتى ــ سۇكخوي پۇقراۋىي ئايروپىلان شىركىتى ياسىغان بولۇپ، ئاساسىي تىپ ۋە يىراق مۇساپىلىق تىپ دەپ بۆلۈنىدىكەن، 60 ئورۇنلۇق، 75 ئورۇنلۇق ۋە 95 ئورۇنلۇق لايىھەلىرى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە 95 ئورۇنلۇق ئاساسىي تىپنىڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 45 توننا، مۇساپىسى 4590 كىلومېتىر، ئەڭ يۇقىرى چىقىش ئېگىزلىكى 10 مىڭ 200 مېتىر، ئەڭ چوڭ سۈرئىتى 0.78 ماخ قىلىپ لايىھەلەنگەنىكەن.

ئايروپىلانغا فىرانسىيە SNECMA شىركىتى بىلەن رۇسىيە ساتۇرن تەتقىقات ئىدارىسى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسىغان SaM146 ماتور قويۇلغان. تەجرىبىدە بۇ ماتورنىڭ ئىتتىرىش كۈچى 18 مىڭ 600 قاداققا يېتىپ، لايىھەلەنگەندىكى قىممەت 17 مىڭ 400 قاداقتىن ئېشىپ كەتكەن. ئايروپىلاندىكى ئېلېكتىرونلۇق ئەسلىھەلەرنى ئاساسلىقى ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ داڭلىق شىركەتلىرى تەمىنلىگەن.

سۇكخوي پۇقراۋىي ئايروپىلان شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، «SSJ-100» يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ 95 ئورۇنلۇق ئاساسي تىپىنىڭ سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 28 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، چەتئەلدىكى ئوخشاش تۈردىكى ئايروپىلانلاردىن تەخمىنەن %15 تۆۋەن ئىكەن، بۇ تىپتىكى ئايروپىلاننى كۆپىنچە رۇسىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى سېتىۋالىدىكەن. بۇ ۋەقە بۇ تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم ۋەقەگە ئۇچرىشى ئەمەس، 2012-يىلى 5-ئايدا ھىندونېزىيە ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەنىڭ 40 نەچچە ئادەم چىققان، 9-چېسلا يوقاپ كەتكەن بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقلىرى ھىندونېزىيەدىن تېپىلغان، ئۇمۇ سۇكخوي دەرىجىدىن تاشقىرى 100 تىپلىق رېئاكتىپ ئايروپىلان ئىكەن.

 

 

未标题-1.jpg
F201905081556338096702488.jpg
ئوت كېتىپ 41 ئادەم قازا قىلغان رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى ھەققىدە