مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
0
2019-05-09 10:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئەسقەر تۇرسۇن

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي جەھەتتە ساقچى قوشۇنى قۇرۇش، ساقچىلارنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلارنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ساقچىلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى


مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنى 5-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ساقچى قوشۇنى قۇرۇش، ساقچىلارنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلارنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ساقچىلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خەۋپسىزلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم سىياسىي ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى -سىرتىدىكى ئىككى ئومۇمىيەت، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خەۋپسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىز جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى چوقۇم ياخشى يەكۈنلەپ، ياخشى پايدىلىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ قەتئىي، توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلارنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزام قاتتىق بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان، سىناقلاردىن ئۆتكەن يۇقىرى ساپالىق جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇپ ۋە ئىگىلەپ، بارلىق ساقچىلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. بارلىق ساقچىلارغا توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك. پارتىيە كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ياخشى تاللاش ۋە سەپلەپ كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، ئۈنۈم ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كۈتسىز ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن ھوقۇقنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم مۇۋاپىق، قانۇنلۇق دەۋا تەلىپىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، ھەم ئاممىنى دەۋا تەلىپىنى قانۇن بويىچە ئىپادىلەش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاممىنىڭ خەۋپسىزلىك تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، جىنايەتكە زەربە بېرىش، خەلقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، مۇشتۇمزورلۇققا، رەزىللىككە، ئوق-دورىغا، پارتلىتىشقا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە شەخسىي چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، قىمار، زەھەر، يېمەكلىك، دورا ھالقىسى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق گەۋدىلىك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ھالىتىنى ساقلاپ، قاتتىق زەربە بېرىش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، مەخسۇس قوشۇن بىلەن ئامما بىرلىشىپ، توپ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنى تولۇق قوزغاپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق قانۇن ئىجراسى ئەدلىيە خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى. ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش،نازارەت قىلىش، چەكلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر دېلونى بېجىرىش، ھەر بىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش، ئۈنۈمنى قوغلىشىش بىلەن ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش مەقسىتى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ ياخشى قانۇن ئۈنۈمى، سىياسىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، ھەرقانداق ئادەم قانۇندىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ. ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىش، زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىشتەك ياخشى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەڭ دائىرىلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئورگانلارنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ساقچى تۈرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، فۇنكسىيەسى ئىلمىي، ئىش ھوقۇقى ئېنىق، قوماندانلىق راۋان، ھەرىكەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى، ئاساسنى چىڭ تۇتۇش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، ساقچى كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تۆۋەنگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپپارات ئىسلاھاتى بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئالاقىدار سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فۇنكسىيە تەقسىماتى، ئاپپارات تەسىس قىلىش، كۈچ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ياخشىلاپ، ئاپپارات خادىملىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىرىكتۈرۈش، كەسپىي خىزمەتنى بىرلەشتۈرۈش، مېخانىزم تەرتىپىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، جەڭگىۋارلىقنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ھاسىل قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش، ئىش بېجىرىش ئاستا بولۇش، ئۇياق - بۇياققا قاتىراش، قولايسىز بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە،تېخىمۇ ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساقچىلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. سىياسىي جەھەتتە ساقچى قوشۇنى قۇرۇش، ساقچىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پولاتتەك غايە - ئېتىقاد، پولاتتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، پولاتتەك قاتتىق ئىقتىدار، پولاتتەك ئىنتىزام ئىستىلى بولغان جامائەت خەۋىپسىزلىكى پولاتتەك قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى ساقچىلارنى يېتىشتۈرۈش، روھىنى ئۇرغۇتۇش، ئاساسنى پۇختىلاشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش سۈپىتىدە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كۈندىلىك ئىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ،بارلىق ساقچىلاردا ھەقىقىي تۈردە ئەيمىنىشنى بىلىش، ھەزەر ئەيلەش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش يۈكسەك ئاڭلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە باشتىن - ئاخىر « قەتئىي يول قويماسلىق »، مەيلى « يولۋاس » بولسۇن ياكى « چىۋىن » بولسۇن، مەيلى قارا، رەزىل كۈچلەر قاتارلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ « مۇھاپىزەت كۈنلۈكى » بولسۇن ياكى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى « ئۇششاق چىرىكلىك » بولسۇن، ھەممىسىنى قانۇن ئىنتىزام بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : تىنچلىق مەزگىلىدە جامائەت خەۋىپسىزلىكى قوشۇنى ئەڭ كۆپ قۇربان بولغان، ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان قوشۇن. بۇ ئالاھىدە قوشۇنغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، سىياسىي جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈش، خىزمەت جەھەتتە قوللاش، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش، ساقچىلارغا ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق ساقچىلىرىنىڭ شان - شەرەپ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاپ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ ؛ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان جامائەت خەۋىپسىزلىكى پولاتتەك قوشۇنى بەرپا قىلىپ؛ قانۇننى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ؛سىياسىي خەۋپسىزلىكنى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ھەرقايسى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى پارتكوملىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە سىياسىي - قانۇن كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ( ئىدارىسى ) نىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ كارخانىلار، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. 

未标题-1.jpg
مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى