ليۇ خې ئامېرىكىغا يېتىپ بېرىپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن 11- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى ئۆتكۈزدى
0
2019-05-10 18:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىدە جۇڭگو تەرەپ باشلامچى بولغان ليۇ خې 9- چېسلا ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن 11- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى ئۆتكۈزدى.

ليۇ خې تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: مەن سەمىمىيلىك بىلەن كەلدىم، نۆۋەتتىكى ئالاھىدە ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو شۇنداق دەپ قارايدۇكى، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئەسلىدە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس، ئۇ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپكە پايدىسىز، دۇنياغىمۇ پايدىسىز.

未标题-1.jpg
ليۇ خې ئامېرىكىغا يېتىپ بېرىپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن 11- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى ئۆتكۈزدى