ئامېرىكىدىكى قىسمەن كىشىلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قارا سۈركىدى
0
2019-05-10 18:46:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقاندا مۇنداق دېگەن: جۇڭگو تەشەببۇس قىلىۋاتقان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئامېرىكا ئەنگلىيەنى «بىر بەلباغ، بىر يول» غا قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلاشقا ھەم سۆز قىلىپ قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.

بۈگۈن (5-ئاينىڭ 9-كۈنى) جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باياناتچى گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا ئىشەنچ بېلىتى ۋە قوللاش بېلىتى تاشلىغانلىقى ئامېرىكىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە قايتۇرۇلغان ئەڭ ياخشى ئىنكاس ھېسابلىنىدۇ.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى قىسمەن كىشىلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قارىتا، داۋاملىق مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن سۆز قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلىشتىن بۇرۇن تېخىمۇ بەك ئەلپازىنى بۇزدى، شاۋقۇن سۈرەن سالدى. لېكىن نەتىجىسى قانداق بولدى؟

گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 150 دۆلەت، 92 خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ 6000 دىن ئارتۇق ۋەكىلى 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ 50 نەچچە ۋەكىلى بار.

گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا بەرگەن ئىشەنچ بېلىتى ۋە قوللاش بېلىتىدۇر، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سۆز ھەرىكىتىگە قايتۇرغان ئەڭ ياخشى ئىنكاسىدۇر.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ: بۇ ئىككى كۈندە ئامېرىكىدىكى ئايرىم كىشىلەر يەنە كونا چارىلىرىنى قوللىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ، قارا سۈركىدى. ئۇلار سۆزلەپ ھارمىدى، بىز ئاڭلاپ ھېرىپ كەتتۇق. ئۇلارغا يەنە بىر قېتىم شۇنداق ئەسكەرتىش بېرەيكى، ئۆزۈڭلارنىڭ پىتنە-پاسات تېرىش ئىقتىدارىنى بەك يۇقىرى چاغلاپ كەتمەڭلار، باشقىلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ بەك تۆۋەن چاغلاپ كەتمەڭلار. ئەگەر ئۇلار خالىسا، داۋاملىق سۆزلەرۋەرسۇن، بىز داۋاملىق تىرىشىپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيلى. كىم ئىشنى بۇزغۇچى، كىم ئەمەلىي ئىش قىلغۇچى، دۇنيا ئەھلى بۇنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.

ئامېرىكىدىكى قىسمەن كىشىلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قارا سۈركىدى
未标题-1.jpg