مۈشۈكئېيىق سىزنى باشلاپ دۇنيا كەزدۈرىدۇ
0
2019-05-12 18:07:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

 

مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى CCTV كارتون سارىيى «مۈشۈكئېيىق سىزنى باشلاپ دۇنيا كەزدۈرىدۇ» ساراي كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

5-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدىكى مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كارتون سارىيى «مۈشۈكئېيىق سىزنى باشلاپ دۇنيا كەزدۈرىدۇ» باش تېمىسىدىكى ساراي كۈنى پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، جۈپىڭ، شياۋلۇ، دولەيمى، لۈپاۋپاۋ، جىندوۋ، جىما قاتارلىق باش ئىستانسا ئۆسمۈرلەر قانىلىنىڭ رىياسەتچىلىرى نەق مەيداندىكى مېھمانلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى، رىياسەتچى جۈ پىڭ يەنە نەق مەيداندا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كارتون سارىيىنىڭ باشلىقلىق رامكىسىنى قوبۇل قىلدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ كارتون سارىيى ياۋروپادىكى دۆلەت رۇسىيە بىلەن ھەمكارلاشقان «مۈشۈكئېيىق ۋە خۇشال توپ»، ئوكئانىيەدىكى دۆلەت يېڭى زېلاندىيە بىلەن ھەمكارلاشقان «مۈشۈكئېيىق ۋە غەلىتە قۇش»، ئافرىقىدىكى دۆلەت جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن ھەمكارلاشقان «مۈشۈكئېيىق ۋە كىچىك بۆكەن»، پورتۇگالىيە بىلەن ھەمكارلاشقان «مۈشۈكئېيىق ۋە لۇتا» قاتارلىق «مۈشۈكئېيىق +» يۈرۈشلۈك نادىر ئەسەرلەردىكى كارتون ئوبرازلىرى ۋە نادىر فىلىم توپلىمى ئېلان قىلىندى ھەمدە 5G قوشۇلغان 4K تېخنىكىسى ئارقىلىق جۇڭگو مۈشۈكئېيىقنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى سىچۈەن ۋولۇڭ شېنشۇپىڭ بازىسى بىلەن ۋىدېيودا ئالاقە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «مۈشۈكئېيىق سىزنى باشلاپ دۇنيا كەزدۇرىدۇ» تېمىسىدىكى پائالىيەت باشلاندى. باش تېما سارىيى كۈنىدە مۈشۈكئېيىق ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، ھەم كارتون ئەسەرلەر كۆرسىتىلدى، ھەم چوڭ ئېكران ئارقىلىق ھەقىقى مۈشۈكئېيىق بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇنۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر جەلپ قىلىندى. مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كارتون سارىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدىكى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ساياھەت قىلىدىغان قىزىق مەيدان سارىيىغا ئايلاندى.

 

مۈشۈكئېيىق سىزنى باشلاپ دۇنيا كەزدۈرىدۇ
未标题-1.jpg