ئاسىيا مەدەنىيىلىك نۇرى 1-قىسم
0
2019-05-12 18:12:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ باش تېمىلىق ھۆججەتلىك فىلىمى «ئاسىيا مەدەنىيىلىك نۇرى» 1-قىسىم

مەدەنىيلىكنىڭ ئۇلۇغۋار سەھىپىسى

ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «ئاسىيا مەدەنىيىلىك نۇرى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق باش تېمىلىق ھۆججەتلىك فىلىم بۈگۈندىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، خەنزۇ تىلى خەلقئارا قانىلى ۋە جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىنگلىز تىلى قانىلى، ئەرەب تىلى قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.

بۇ فىلىمدە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك شانلىق، كۆپ مەنبەلىك تەڭ مەۋجۈت بولۇش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش مەنزىرىسى رەتلەپ چىقىلغان ۋە بايان قىلىنغان، ئاسىيادىكى ھەر قايسى قەدىمىي مەدەنىيەتلەر ۋە نۇرغۇن مەدەنىيەت چەمبىرىكى تەرەققىيات ئىزلىرىدا نامايەن بولغان قانۇنىيەت ۋە ئەقىل-پاراسەت، بولۇپمۇ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۈستىگە ئالغان مۇھىم تۈرتكىلىك رولى ئۈستىدە ئىزدىنىلگەن.

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا، يەر شارى زىيارەت-تەھرىرلىك سىستېمىسىنىڭ قوللىشىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاسىيادىكى 22 دۆلەت ۋە رايون، دۆلەت ئىچىدىكى 13 شەھەرگە بېرىپ سۈرەتكە ئالغان، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى ۋە كەسپىي خادىملارنى پىلانلاشقا تەكلىپ قىلىپ، ئاسىيا مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئامىللارنى تاللاش ئارقىلىق، ئاسىيادىكى 47 دۆلەت ۋە رايوننى فىلىمدە بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ، كۆپ مەنبەلىك، تەڭ مەۋجۇت بولغان مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

مەنزىرە، نەرسە، ھېكايە ئارقىلىق، كۆرۈش، ئاڭلاش ئالاھىدە تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىلىپ، ئاسىيا مەدەنىيىتىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە يوقالغان ئىزنالار قاتارلىق مەزمۇنلار جانلىق ئىپادىلىنىپ، ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت ئامىللىرى سىڭدۈرۈلۈپ، ئاسىيا رايونىنىڭ مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈش، پىشىپ يېتىلدۈرۈش، ئالماشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىسى ئىخچام ئىپادىلىنىپ، ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى، رەڭگارەڭ ئۇسلۇبى ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىنغان. ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ باش تېمىلىق ھۆججەتلىك فىلىمى «ئاسىيا مەدەنىيلىك نۇرى»نىڭ بىرىنچى قىسمى «مەدەنىيلىكنىڭ ئۇلۇغۋار سەھىپىسى» بۈگۈن كەچ سائەت 8دە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.

بۇ قىسىمدا ئاساسلىقى قەدىمقى ئاسىيانىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى، ھىندى دەرياسى ۋە گانگ دەرياسى ۋادىسى، ئېفرات دەرياسى ۋە تىگرىس دەرياسى ۋادىسى ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردا نۇرغۇن قەدىمىي مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان، كىشىلەر بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئاسىيا مەدەنىيىتى ئىجادىيىتى، ئاسىيانىڭ ئاشۇ يوقالغان مەدەنىيەت مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان، ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ بىر-بىرىنى چاقنىتىپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسى كۆرسىتىلگەن.

 

未标题-1.jpg