شى جىنپىڭ تەقدىرلەنگەن نەمۇنىچى،ئىلغارلارۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-05-17 16:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ 6-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش بويىچە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ بىللە كۆرۈشتى

6-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلارغا ياردەم بەرگەن ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئېلىمىز مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ بىللە كۆرۈشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەمدە تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېيىپلار ئىشلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق مېيىپلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مېيىپلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى مېيىپلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، مېيىپلارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مېيىپلار مەملىكەت بويىچە ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش نەمۇنىچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، مېيىپلارنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا 167 «مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش نەمۇنىچىسى»، 100 «مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بەرگەن ئىلغار كوللېكتىپ»، 100 «مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بەرگەن ئىلغار شەخس»، 100 مېيىپلار ئائىلىسى ۋە 33 «مەملىكەتلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» تەقدىرلەندى. مېيىپ بولسىمۇ ئىرادىسى كۈچلۈك، ئەمالار ئۇۋلاش ئىشلىرىغا كۈچ چىقارغان يەن سەنخۇەن، قىيىنچىلىقتىن، ئۆلۈمدىن قورقماي مېنا تازىلىغان قەھرىمان دۇ فۇگو، مېھرىبان، ئاممىۋى پاراۋانلىق مېيىپلارغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان سۇڭ جياخۇا قاتارلىق مۇكاپاتلانغان ئۈچ ۋەكىل يىغىندا ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى.

 

123123.jpg
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg