دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەلىپى يوللۇق.
0
2019-05-23 10:33:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

يېقىندا جۇڭگو شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بوئىن شىركىتىنىڭ 737 MAX ئايرۇپىلانى ئۇچۇشتىن توختاش ۋەقەسى توغرىسىدا بوئىن شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى تۇنجى تۆلەم تەلەپ قىلغان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز 21-چېسلا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: كارخانىلار قانۇنلۇق، يوللۇق مەنپەئەتنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلدى، بۇنىڭدا ھېچقانداق باشقا مەسىلە يوق.

شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى:

ئۇچۇشنى توختىتىش بىر قەدەر زور زىيان ئېلىپ كەلدى، بوئېن شىركىتىدىن رەسمىي تۆلەم تەلەپ قىلمىز.

شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن بۇيان 737 MAX تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇشتىن توختىتىلىپ، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە بىر قەدەر چوڭ زىيان يەتكۈزدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مۇناسىپ زىيانلار يەنىمۇ چوڭيىدىكەن. شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى زاكاز قىلغان بۇ ئايرۇپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇلۇشىمۇ ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شىركەت ھەقىقەتەن بويىن شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلدى.

شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۇ قېتىملىق تۆلەم تەلەپ قىلىش ئىشى توغرىسىدا دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 14 دانە 737 MAX ئايروپىلانىنىڭ ئاسراش ئېھتىياجىغا ئاساسەن پېچەتلەنگەن. 737 MAX قايتا ئۇچۇش ۋاقتى توغرىسىدا، مەسئۇل خادىم شىركەتنىڭ جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ۋە بوئىن شىركىتى ئېلان قىلغان ئالاقىدار خىزمەت سۈرئىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن بۇ تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بلدۈردى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى:

كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىشى يوللۇق.

21-چېسلا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

لۇ كاڭ:

بوئېن 737 MAX تىپلىق ئايرۇپىلان يەر شارى دائىرسىدە ئۇچۇشتىن توختىدى، كۆپچىلىك بۇنىڭ سەۋەبى بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋىپنىڭ كۆرۈلگەنلىكى، تېخنىكا مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى بىلىدۇ. كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەرىكىتىگە باھا بېرىش بىزگە قولايسىز، لېكىن ھەرقانداق كارخانا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق، مۇۋاپىق مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭ ئارتۇقچە ئويلاشقۇدەك يېرى يوق.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

NEWS MORE

بوئېن 737 MAX نىڭ ئۇچۇشتىن توختىتىلىشى زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.

نۆۋەتتە جۇڭگودا جەمئىي 96 دانە 737 MAX ئايروپىلان ئۇچۇشتىن توختىدى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئاۋىياتسىيەسى 15 دانە، شەرق ئاۋىياتسىيەسى 14 دانە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 24 دانە، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى (11 دانە) ، شيامېن ئاۋىياتسىيەسى (10 دانە) ، شېنجېن ئاۋىياتسىيەسى (5 دانە) ، شەندۇڭ ئاۋىياتسىيەسى (7 دانە) ، شياڭپېڭ ئاۋىياتسىيەسى (3 دانە) ، ئاۋكەي ئاۋىياتسىيەسى (2 دانە) ، فۇجۇ ئاۋىياتسىيەسى (2 دانە) ، كۈنمىڭ ئاۋىياتسىيەسى (2 دانە) ، جيوۋيۈەن ئاۋىياتسىيە (1 دانە) .

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇچۇشنى توختىتىش ئامېرىكا ئاۋىياتسىيەسى، ئامېرىكا غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ۋە نورۋېگىيە ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ئابونتلارغا 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق زىيان سالغان.

123123.jpg
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg