ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىشنى ئۆگىنىپ، يېشىل تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرەيلى
0
2019-06-05 16:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

6-ئايننىڭ 4-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى رېن ناھىيەلىك خۇيۋېن مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوخشىمىغان ئەخلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كارتىنى تۈرگە ئايرىش ئەخلەت ساندۇقىغا سالماقتا. 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى « دۇنيا مۇھىت كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى «ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىتنى ئاسرايدىغان يېشىل تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، خېبېي چىنخۇاڭداۋ شەھىرىنىڭ گۇڭرېن بېيلى مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار ئاھالىلەرگە ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەنخۈي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرىنىڭ مىڭگۇاڭ يولى كوچىسى چۈەنجىياۋ يولى مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار بالىلارغا ئەخلەت تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمەكتە.

 

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرىدىكى شىڭخۇا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ مۇھىت ئاسراش ئۇيۇنىغا قاتناشماقتا.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرىنىڭ مىڭجۇ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرىنىڭ رېن ناھىيەسىدىكى خۇيۋېن مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ئېلان تاختىسىنى ياساپ چىقتى.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرىدىكى نىيەنزىتۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش بىلىملىرىنىڭ ئۆگىنىش ماتېرىيالى كۆرسەتمەكتە.

 

 

 

U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg
111111111111.jpg