شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
0
2019-06-06 17:19:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى موسكۋادىكى كرېمل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ مېنىڭ ئۇدا دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشۇم، شۇنداقلا 2013-يىلىدىن بۇيان رۇسىيەگە 8-قېتىم زىيارەتكە كېلىشىم. نۆۋەتتە، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، مەنپەئەت ئالاقىسىنى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ خەلقئارا ئىشلار ۋە دۇنياۋىي ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا مۇھىم ئىجابىي رول ئوينىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىل ئابىدە، شۇنداقلا يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ زور ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالدى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاكتىپ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ كۆپ «جۇڭگو-رۇسىيە لايىھەسى»نى تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ. بۈگۈن مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى تۈرلۈك مۇھىم باياناتنى ئىمزالىدىم، بىرىنچى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدۇق، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە يېڭى ئورۇن ۋە مەزمۇن يۈكلەندى؛ ئىككىنچى، يەر شارى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى جاكارلاپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مەسئۇلىيەتچان روھى ۋە ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمىنى نامايان قىلدۇق، بۇ نۆۋەتتە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆپەيدى. جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش تارىخنىڭ چاقىرىقى، ئىككى تەرەپنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرى ۋە گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، پەن-تېخنىكا، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، پۇل-مۇئامىلە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان جۇڭگو-رۇسىيە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىللىق پائالىيەت لايىھەسىنى ياخشى لايىھەلەش كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن داۋاملىق بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتكە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كونا دوستىمىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئالاقە، ھەمكارلىق مول ئۈنۈمگە ئېرىشتى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىسمى جىسمىغا لايىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، دۇنيا خەۋپسىزلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. بىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنىپلا قالماي، يەنە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور، يېڭى دەۋردىكى رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئېلىپ كەلگەن خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، خەۋەرلىشىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. رۇسىيە جۇڭگونى يېتەرلىك نېفىت-تەبىئىي گاز ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشنى، جۇڭگوغا دادۇر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق خەلقئارا سورۇنلاردا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئورتاق قوغداشقا بىردەك قوشۇلدى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ھازىرقى زامان يەر شارى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى ئىمزالىدى ھەمدە بىرقانچە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سەددىچىن ئاپتوموبىلى تۇرا ئوبلاستى زاۋۇتىدا پۈتكەن ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنى كۆردى، موسكۋا ھايۋانات باغچىسى مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، زۇڭتۇڭ پۇتىن كرېمل سارىيى جورج زالىدا شى جىنپىڭنى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

6-ئايدىكى موسكۋا ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىدى. شى جىنپىڭ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كرېمل سارىيىنىڭ پوروۋىتسكى راۋىقى دەرۋازىسىغا كىردى، رۇسىيەنىڭ مەردانە مۇراسىم چەۋەندازلىرى يول بويى سەپ تۈزۈپ قارشى ئالدى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە موسكىۋا ھايۋاناتلار باغچىسى مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ھەيۋەتلىك مەرھابا مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ جورج زالىنىڭ ئىككى بېشىدىن قىزىل گىلەمنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پۇتىن جۇڭگو تەرەپتىكى ھەمراھ بولغان خادىملار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

未标题-1.jpg
شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
1124589402_15597881223401n.jpg
640.jpg