باش ئىستانسىمىز رۇسىيە SBP گۇرۇھى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
0
2019-06-10 16:25:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن رۇسىيە SBP تېلېۋىزىيە گۇرۇھى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ گۇۋاھ بولۇشى بىلەن، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شېن خەيشۇڭ بىلەن رۇسىيە SBP تېلېۋىزىيە گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كىلىر فىلىبوف موسكۋا ۋاقتى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن موسكۋادا «جۇڭگو يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ ئىنگلىزچە، رۇسچە قانىلى ۋە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەنزۇچە خەلقئارا قانىلىنى رۇسىيەدە تارقىتىش ئىجازىتى شۇنداقلا ئالاقىدار ئۇلاپ تارقىتىش تەييارلىقى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ھەققىدىكى كېلىشىم»نىڭ ھۆججىتىنى ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپ قاناللارنى رۇسىيەدە تارقىتىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ تاراتقۇلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنىڭ كۆلۈمى، قاتلىمى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە خەلقنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە ئايلاندى. دۆلەتنىڭ رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى رۇسىيەدىكى نۇرغۇن ئاساسلىق تاراتقۇلار بىلەن كەڭ، چوڭقۇر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پىروگرامما ئىشلەش، تارقىتىش، مەزمۇن بايلىقىدىن تەڭ بەھرىلىنىش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى قاپلىدى.

جۇڭگو مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا تارقىتىلىدىغان پىروگراممىلارنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، يۇغۇرۇپ تارقىتىش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدى، چەتئەللەردە تارقىتىش قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، تارقىتىش كۈچى ئۈنۈملۈك ئاشتى. بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ چۈشەنچىسى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

1124596108_1559945940068_title0h.jpg
123123.jpg
U020190608467473167205.jpg
未标题-1.jpg