جۇڭگو سرىلانكىغا ھەربىي پاراخوت سوۋغا قىلدى
0
2019-06-10 16:29:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

سرىلانكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، سرىلانكا جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن 053H2G تىپلىق قوغدىغۇچى پاراخوتنى تاپشۇرىۋالغان. سرىلانكا دېڭىز ئارمىيەسى شتاب باشلىقى شياۋجياڭ ئۇلۇگېتېننانىڭ رىياسەتچىلىكىدە، شاڭخەي كېمىسازلىق زاۋۇتىدا سرىلانكا دېڭىز ئارمىيەسى P625 قوغدىغۇچى پاراخوتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزىۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قورال-جابدۇق تەرەققىيات بۆلۈمى قورال-جابدۇق تېخنىكا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فەن جيەنجۈن، مەزكۇر پاراخوتنى كاپىتان نارىندىرا جاياسىنخاغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزىۋېلىش مۇراسىمى

سرىلانكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، P625 قوغدىغۇچى پاراخوتىدا جەمئىي 18 نەپەر ئوفىتسېر ۋە 92 نەپەر ماتروس بار ئىكەن. مەزكۇر پاراخوت كەلگۈسىدە سرىلانكا دېڭىز ئارمىيەسىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، سرىلانكا ئەتراپىدا دېڭىز چارلاش ۋە نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن، ھەمدە قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى دېڭىزدىكى بىخەتەرلىك ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سرىلانكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى دېڭىز ئارمىيە ھەربىي ئەمەلدارى، سرىلانكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى مۇراسىمغا قاتناشقان. سرىلانكا تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر پاراخوت 6-ئاينىڭ 14-كۈنى سرىلانكىغا قاراپ يولغا چىقىدىغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سرىلانكىغا يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەنگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن P625 قوغدىغۇچى پاراخوتى، ئەسلىدە جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 053H2G تىپلىق «توڭلىن» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى بولۇپ، 1994-يىلى ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى 112 مېتىر، كەڭلىكى 12.4 مېتىر، سۇ چىقىرىش مىقدارى 2300 توننا، دېڭىزدا 24 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، چېكىندۈرۈلگەن، چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا خۇدوڭ كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ئۆزگەرتىلىپ، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەر چۇۋۇپ چىقىرىۋېتىلگەن، پاراخوت توپى قاتارلىق ئەسلىھەلەر قالدۇرۇپ قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «5P62» دېگەن يېڭى نام بېرىلگەن.

1124596108_1559945940068_title0h.jpg
123123.jpg
U020190608467473167205.jpg