ماكرون بىلەن تىرامپ تىككەن «دوستلۇق دەرىخى» ئۆلۈپ قالدى
0
2019-06-11 11:11:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

2018-يىلى ئاپرېل، فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپقا بىر تۈپ دۇب دەرىخى سوۋغا قىلغان ھەمدە ئىككىيلەن بىرلىكتە بۇ دەرەخنى ئاقساراي ئالدىدىكى چىملىققا تىككەن. لېكىن فرانسىيە تاراتقۇسىنىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ «دوستلۇق دەرىخى» ھازىر ئامېرىكىنىڭ «ھامىيلىقى»دا ئۆلۈپ قالغان.

«بۈگۈنكى رۇسىيە» (RT) تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ خەۋەر ئاۋال فرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» (Le Monde) خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»مۇ 8-ئىيۇن ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان فرانسىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «دوستلۇق دەرىخى»نىڭ ئۆلۈپ قالغانلىق خەۋىرىنى دەلىللىگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ «دوستلۇق دەرىخى»نىڭ كېلىش تارىخى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ فرانسىيەدىكى ئامېرىكا قەبرىستانلىقى بېلو ئورمانلىقىدىن ئېلىنغان كۆچەت، بۇ كۆچەت فرانسىيە-ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە، ئامېرىكا بىلەن فرانسىيەنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىگە سىمۋول قىلىنغان.

ئەسلىدىكى دەرەخ تىكىلگەن جايدا، دەرەخ يوق بولدى.

بۇلتۇر ئاپرېلدا ماكرون ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، ئىككى دۆلەت رەھبىرى بىرلىكتە بۇ دەرەخنى تىككەن.



1124596108_1559945940068_title0h.jpg