شى جىنپىڭ قىرغىزىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى
0
2019-06-13 10:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ بىشكەككە يېتىپ بېرىپ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى، شى جىنپىڭ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بىشكەككە يېتىپ بېرىپ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى، شى جىنپىڭ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ماناس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جېئىنبېكوف ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. يەرلىك ياش قىز شى جىنپىڭغا گۈل ۋە بولكا، ھەسەل تەقدىم قىلىپ، ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قىرغىزىستان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تارتىپ تۇرۇپ، ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ جېئىنبېكوفنىڭ ئايرودۇرۇمغا كېلىپ كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، دوستانە قىرغىزىستان خەلقىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، خەلقى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قوشنا بولۇپ كەلگەن. قەدىمىي يىپەك يولى بىزنى زىچ تۇتاشتۇرىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت ھەقىقىي ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى شېرىكلەرگە ئايلاندى. زىيارەت مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ جېئىنبېكوف بىلەن جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزىمىز. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىشكەك باشلىقلار يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قىرغىزىستان نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا چوقۇم مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

جېئىنبېكوف رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى كۈتكىلى ئۇزۇن بولدى. قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىشكەك باشلىقلار يىغىنىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ شىنجاڭ بىلەن قوشنا، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا چوڭقۇر ئاپىرىن ئېيتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن قايىل دېدى.

شى جىنپىڭ قىرغىزىستاندىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يەنە تاجىكىستانغا بېرىپ، دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.